كىچىك كارخانىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلسا 1 يىللىق ئىجتىمائىي كاپالەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ
باش مىنىستىر لى كېچياڭ قول قويۇپ تەستىقلىغان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «يېڭى ۋەزىيەتتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا پىكىر» دە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«پىكىر» دە ئېيتىلىشىچە، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. كىچىك-مىكرو تىپلىق كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار 1 يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى نىشانىنىڭ دائىرىسى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىلىدۇ. قىيىنچىلىقى بار خادىملارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كۈچەيتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھەممە ئائىلىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بار بولۇش تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردە ئاز دېگەندە بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى