تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (26)-تاپانچا يوقىتىش دېلوسى

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (26)

تاپانچا يوقىتىش دېلوسى

چوڭ كوچىدا قوراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەردى. جىنايەتچى ئۈچ پىركازچىك ۋە بىر ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتتى. 

ساقچى تەرەپ نەق مەيداندىن ساقچىلار ئىشلىتىدىغان تاپانچىدىن ئېتىلغان بىرنەچچە تال ئوق ۋە مىشەك تاپتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ تاپانچىنىڭ ساقچى ئەمەلدارى ئاخۇانىڭ ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. 

ساقچىلار ئاخۇانى ئىزدىۋىدى، ئۇنى سولاقخانىدىن تاپتى. بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا ماڭىدىغان چاغدا ئۇ قورالىنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان، ئۆينىڭ دېرىزىسى ئېتىكلىك، لېكىن ئىلغۇچى يوق ئىدى. ئاخۇا ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ باشلىقىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانىدى، باشقىنى راسا تىللاپ ئۇنى سولاقخانىغا سولاپ قويغانىدى. بۇ جىنايەتچىنىڭ ئاخۇانىڭ تاپانچىسىنى ئوغرىلاپ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. 

رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى تۈنۈگۈن ئىككى ئادەم ئاخۇانىڭ ئۆيىگە بارغان، بىرى ئۇنىڭ دوستى ئاچاڭ، باشقىلارغا قىماردا قەرزدار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قەرز ئىگىلىرىدىن قورقۇپ قېچىپ يۈرەتتى. تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇ ئاخۇانىڭ ئۆيىدە سائەت 10 غىچە تۇرۇپ، ئاندىن باشقا بىر ئاغىنىسنىڭكىگە كەتكەن. 

يەنە بىرى ئاخۇانىڭ يېڭىدىن تونۇشقان تازىلىق ئىشچىسى ماگې ئىدى، ئۇ تۈنۈگۈن كەچ كېلىپ ئۇنىڭدىن 100 يۈەن قەرز ئېلىپ، كېچە سائەت 11 دە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ باشقا جايغا كەتكەنىدى. 

ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاختۇردى. ماگېنىڭ ئۆيىدە بىر مايمۇندىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى، بۇ يەردىن كېتەيلى دەپ تۇرغاندا رازۋىتچىكلار باشلىقى تۇيۇقسىز «قاتىل تېپىلدى» دېدى. 

ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئىشەنچلىك گەپ قىلىشىغا سەۋەب بولغان زادى نېمە؟ 


رازۋېدكا ھېكايىلىرى (25) نىڭ جاۋابى:

چۈمۈلىلەر ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق نەرسىلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، داۋېي خوتۇنىنى ھەسەل بوتۇلكىسى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن، جەسەت يۆتكىگەندە ماشىنا ساندۇقىغا ھەسەل چاپلىشىپ قالغان.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز