تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
توڭلاتقۇدىكى بەزى نەرسىلەرنى بالىلارغا خالىغانچە بەرمەڭ

1. تاتلىق ئىچىملىك. شەربەت، بوتۇلكىلىق چاي قاتارلىقلاردا ئادەتتە ئوزۇقلۇق ماددىسى بولمايدۇ، لېكىن ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بۇنداق تاتلىق ئىچىملىكنى بالىلارغا بەرمەسلىك، بۇ ئىچىملىك ئورنىغا قايناق سۇ ۋە ساپ شەربەت بېرىپ بالىلارغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش كېرەك.

2. پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەردە ناترىي مىقدارى كۆپ بولۇپ، يەنە بەزىلىرىگە ياغ ۋە نىتروئۇس كىسلاتا تۈرىدىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى قوشۇلىدىكەن. چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى بىرىكمە بوغما ئۈچەي راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ تۈردىكى يېمەكلىكىنى بالىلارغا بەرمەسلىك كېرەك.

3. سۈتلۈك يېمەكلىكلەر. سۈتلۈك يېمەكلىكلەردە ئاقسىل، كالىتسىي، ۋىتامىن B12 ۋە رىبوفلاۋىن بار بولۇپ، بۇنىڭدا كۆپ مىقداردا ياغ ۋە خولېستېرىن بار. ناۋادا بالىلار بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، بالدۇر يېتىلىش، سەمرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.

4. ماروژنى. ماروژنى يۇقىرى كالورىيەلىك، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىك بولۇپ، بالىلارنى ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ.

5. قىيام قىلىنغان يېمەكلىك. توڭلاتقۇدا ساقلانغان قايماق سالات قىيامى، تۇخۇم سېرىقى قىيامى، ئىرىمچىك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭمۇ ئىسسىقلىق مىقدارى 120 كالورىيەگە يېتىدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى بالىلارغا ئاز بېرىش كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز