شاڭخەي مائارىپىدىن مەكتەپلىرىمىزگە نەزەر
ئابدۇلھەمىد ياسىن
( قاراقاش ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن )
شاڭخەيلىكلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەدەنىي تۇرمۇشىنى ئەلۋەتتە يەنە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مائارىپىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ شاڭخەيدىكى مەكتەپلەردە كۆرگىنىم ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئەركىن، غەمسىز ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ بارلىقى بولدى (ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئەلۋەتتە ئۆگەنگۈچى ــ دە ؟) . مائارىپ سېلىنمىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەكتەپ مۇھىتىدىنلا ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. مەكتەپلەر خۇددى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەنگەن، رەڭگارەڭ كىيىم كىيگۈزۈپ قويۇلغان بوۋاقتەك بەكلا چىرايلىق تۈستە ئىكەن. يول بويىدىكى سېدىلەر ھەرۋاقىت ھەرخىل سىياق، ھەرخىل تۈستە شەكىلگە كىرگۈزۈلۈپ چىرايلىق ياسىلىپ تۇرغان بولغاچقىمۇ، سەنئەت پۇرىقى، گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىپ تۇرىدىكەن. مەكتەپكە كۆيۈنۈش، مەكتەپنى ئاسراش، مۇھىتنى قوغداش ئېڭى ھەممەيلەننىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كەتكەن چېغى، ھەممىسى بۇ مەكتەپ ئاتلىق «ئانا» سىغا بەكلا مېھرىبانىكەن. كۆلدە ئويناپ، پىلتىڭلاپ تۇرىدىغان ھەرخىل رەڭدىكى ئالتۇن بېلىقلار، ياپ-يېشىل، پاك-پاكىزە چىملىقلار، چاقچۇق يوللار، رەتلىك، ئازادە، چىرايلىق كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلار، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوشۇققىچە توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان يوللىرى، توپىدا ئېغىناپ، كىيىملىرىگە قارىغۇسىز بولۇپ كەتسىمۇ پەرۋاسىز ئويناپ يۈرىدىغان بالىلار، قۇرتلاپ كۆكىرىپ تۇرىدىغان سۇ سېپىش كۆلچەكلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇما بولۇپ تويۇلىدىكەن. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ھەم بىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىمىزنى كۆرسىتىپ قويغان بىر ئىش:
بىر كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككىنچى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە دەرس ئاڭلاشقا باردۇق. دەرس باشلاشتىن بۇرۇن مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم بۈگۈنكى دەرس ئاڭلاش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمىزنى دەرس ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىمىزنى ئېيتتى. دەرس ئوقۇتقۇچىسى سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن سالام قىلىۋەتكەندىن كېيىن تەبىئىي بىر تۈستە باشلىنىپ كەتتى. مەن يېڭى دەرس ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى خېلى تەتقىق قىلغان بولغاچقا، نەزەرىمدىكى بۇ سائەتلىك دەرستىمۇ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان، ئېلېكتىرلىك ۋاسىتىلەردىن كۆپلەپ پايدىلىنىدىغان، شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان بىر دەرس بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغانىدىم. گەرچە ئۆزۈم ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك دېگەننى تەكىتلىگۈچى بولساممۇ، بۇ ئويۇمدىن سەل گۇمانلىناتتىم. چۈنكى، ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى ئاساسىي ئورۇندا تۇردى، دەپ ئاساسىي نەزەرىيەلەر تاشلىنىپ قېلىپ، قوشۇمچە مەزمۇنلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكرارغا سېلىپلا دەرسنى بولدى قىلىدىغان، دەرسنىڭ ئالدىدا دەبدەبىلىك ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان ئوقۇتۇش نىشانىغا يېتەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللارنى كۆپ كۆرگەنىدىم. ئەمما، ، بۇ سائەتلىك دەرس ئۇنداق بولمىدى ھەمدە گۇمانىمدىكىدەك بۇ ئوقۇتقۇچى ھەممە ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىۋەتمىدى. ئەمما، ، ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىنى ئۆزىنىڭ ئازادە بىر پائالىيەت سورۇنى دەپ بىلىدىغان چېغى، ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈپ ئولتۇردى. ئېلېكتىرلىك ۋاسىتىلاردىنمۇ ئەركىن پايدىلىنىلدى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلار ئۆزى نەق مەيداندا مەشغۇلات ئېلىپ باردى. ئەڭ قايىل قىلىدىغان يېرى شۇكى، دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىغا، دۇنيا قارىشىغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. ئوقۇتقۇچى شۇقەدەر ھېسسىياتلىق بايانلارنى سۆزلىدىكى، دەرسنىڭ نەچچە يېرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭلا ئەمەس ، دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ ياش ئەگىدى. ئوقۇتقۇچى خۇددى بىر ئاتاقلىق سەنئەتكاردەك تېكىستنى شۇنداق ھېسسىياتلىق ئىنتوناتسىيە بىلەن گاھ جاراڭلىق، گاھى ئاران ئاڭلىغىلى بولغىدەك ھالدا سەنئەتلىك بىر تۈستە ئوقۇدى. ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ ئۆگىنىشتە تارتقان جاپالىرىنى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كەتكۈدەك بايان قىلدىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ سالمىقى يىغلاپ سېلىشتى. سىنىپ كەيپىياتى چىۋىن ئۇچسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمجىت بولۇپ، پەقەتلا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاجايىپ يۇقىرى ناتىقلىق تالانتى نامايەن بولۇپ تۇراتتى. دەرس ئاڭلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىختىيارسىز يانچۇقلىرىدىن قول ياغلىقلىرىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. باش قەھرىماننىڭ تارتقان جاپالىرىغا لايىق زور نەتىجە قازانغانلىقى سۆزلەنگەندە بولسا، سىنىپ ئىچىدىكى كەيپىيات بىراقلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۇپ، ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چېلىشىپ كەتتى. دەرس ئاخىرىدىكى سوئاللارغىمۇ ئوقۇغۇچىلار جانلىق كەيپىيات ئىچىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتى. ئوقۇتقۇچى قانداقتۇر ئولۇغ قانۇنىيەتلەرنى بايان قىلىپ، يادلاشقا تاپشۇرۇق بەرمىدى، جاپا تارتىپ ئۆگەنسە ئاشۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئاغزىغا كۆپۈك كەلتۈرۈپ سۆزلەپ يۈرمىدى. ئەمما، ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا توختاۋسىز بۆسۈپ كىرىپ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق ئېيىتىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيا قارىشىغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىپ بولغانىدى. دېمەك، دەرس كۈتكەن ئۈنۈمنى ــــ ئوقۇتۇش نىشانىنى تولۇق ئورۇندىدى. يەنى بىز نەزەرىيەدە ھەمىشە سۆزلەيدىغان، ھېسسىيات، پوزىتسىيە، قىممەت قارىشىنى ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈپ بولغانىدى. مۇشۇ دەقىق كۆز ئالدىمغا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ئۆلۈك، مېخانىكىغا ئايلىنىپ كەتكەن قائىدە-تېرمىنلارنى ئېزىپ، سۆزلەپ كېتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىنىڭ كايىپ پىر بولۇپ كېتىشى بىلەن پەرۋايى يوق ھالدا ئالدىدىكى قىزلارنىڭ چېچىنى تارتىپ ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار كېلىۋالدى.
دەرس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىدىن سىز شائىرمۇ ياكى سەنئەتكارمۇ دەپ شۇنداق سورىغۇم كەلدى. ئەمما، بىلىپ تۇرۇپتىمەنكى، ئۇ شائىرمۇ، سەنئەتكارمۇ ئەمەس، بەلكى مۇنبەردىكى بىر مۇتەخەسسىس ئىدى. يەنە ئۇنىڭدىن دەرسخانىدا بىلىم بېرىشتە قائىدىنى بىلدۈرۈش مۇھىممۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھۇجۇم قىلىش مۇھىممۇ دەپ سورىغۇم كەلدى، ئەمما، ، سورىمىدىم. چۈنكى، ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بۇنىڭ جاۋابىنى ماڭا بېرىپ بولغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نازۇك بولغان ھېسسىي دۇنياسىغا ئۈنۈملۈك بۆسۈپ كىرەلىگەندىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، قۇرۇق قائىدىلەرنىڭ، قۇرۇق نەزەرىيە تۈسىدە ھېچقانداق ئىنكاسسىز ھالدا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش بۇلا ئەمەس. دەرس ئاخىرىدا بىلدۇقكى، قولىمىزغا تارقىتىپ بېرىلگەن ماتېرىيال ئەسلى دەرسلىكتىكى مەلۇم بىر تېكىست بولماستىن، مۇئەللىم ئۆزى لايىھەلىگەن تېما ئىكەن! ئەسلى تېكىستتە شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان، يەتمەكچى بولغان نىشانى ئوخشاش بولغان بىر تېكىست بار ئىكەن. ئەمما، ، ئوقۇتقۇچى ئۇ تېكىستنى ئىشلەتمەستىن، شاڭخەيلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى تونۇيدىغان بىر يازغۇچىنىڭ تەسىرلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى دەرسلىك قىلىپ لايىھەلىگەنىكەن. بۇ لايىھەدە تەسۋىرلىنىۋاتقان شەخس ئوقۇغۇچىلار ياشاۋاتقان جايدا، ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ دەرستە ئاشۇنداق زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغانلىقىغا شەكلەنمىدىم. شۇنداقلا بىزنىڭ دەرسخانىلىرىمىزدىكى ھەقىقىي بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىشنى يادىمغا ئېلىپ قالدىم: بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز ئېلىپ بېرىلغان باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوچۇق دەرس ئاڭلاش پائالىيىتىدە بىر ئوقۇتقۇچى لېنىننىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ۋازىنى سۇندۇرۇپ قويغانلىقى سۆزلىنىدىغان دەرسنى ئۆتمەكچى بولغان. دەرس داۋامىدا بىر ئوقۇغۇچى: « مۇئەللىم، ۋازا دېگەن نېمە؟ » دەپ سورىغان. ئوقۇتقۇچى دەماللىققا جاۋاب بېرەلمەي يەنە بىر ئوقۇغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ: « سەن دەپ باقە، ئاۋۇ كالۋا ۋازىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن، شۇنداقمۇ ؟» دەپ سورىغان. ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپلا : « ۋازا دېگەن تەشتەك» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئوقۇتقۇچى بۇنى ئاڭلاپ : «ئاڭلاشتىڭمۇ؟» دەپ قويۇپلا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا يەنە بىر ئوقۇغۇچى: « مۇئەللىم، ۋازىنى كىم چاقتى؟»دەپ سورىسا قاتتىق جىدىيلىشىپ كەتكەن بۇ ياش ئوقۇتقۇچى: « تەشتەكنى چاققان ئوقۇغۇچى دەرھال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل، مەن تېپىۋالىدىغان بولسام-ھە! » دەپ ۋارقىرىغان. دەرس ئاڭلاشقا كەلگەنلەر ئىختىيارسىز قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتكەن ھەمدە دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا خېلىلا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. دېمەك، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەرس لايىھەلەش تۈگۈل دەرس مەزمۇنىنىمۇ تۈزۈكرەك كۆرمەيلا دەرسخانىغا كىرىپ كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاخىرى «چۇرۇق بىلەن خامپىغا سەكرىگەن». بۇ، يېزا ئاساسىي قاتلام مائارىپىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بىر قىسمى، خالاس. ھازىر پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدىكى مەكتەپلەردە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ھەتتا شاڭخەينىڭ پروفېسسسورلىرى بىزگە: « يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز » دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. دېمەك، ئۇلارمۇ تېخى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئەندىزىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ دېگەن گەپ. ئەمما، ، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە كىم نەزەرىيەۋى گەپلەرگە ئۇستا بولسا، كىم جەلب قىلارلىقراق گەپ قىلالىسا شۇنىڭ دېگىنى بويىچە يېڭى دەرسلىككە كىرىپ كېلىۋاتىمىز. ئىلمىي مۇدىرلىرىمىز « يېڭى دەرس ئىسلاھاتى بويىچە دەرسىنى مۇنداق. . . مۇنداق. . . تەييارلاپ، مۇنداق ئۆتىسىلەر » دەپ ئاللىقاچان بىزگە قېلىپ ھازىرلاپ بېرىپ بولدى. دېمەك، بىز يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ بولدۇق. ئەمما، ، باشقا پەنلەرنى قويۇپ تۇرايلى، ئەدەبىيات پېنى نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇرۇن ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارنى باشقا پەنلەرگە قارىغاندا جەلب قىلالايدىغان دەرس ئىدى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىتابتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى رېئاللىقتىكى ھېسسىياتقا ئىگە تىرىك پەنگە ئايلاندۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى. بىز ئەمدى كىتابتىكى ئۆلۈك ئەدەبىياتنى ئەمەس ، رېئاللىقتىكى تىرىك پائالىيەتلەرگە ئەدەبىي نۇقتىدىن باھا بېرەلەيدىغان، رېئال شەيئىلەر ئارقىلىق ھېسسىيات تەربىيەسى بېرىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا ئۈزلۈكسىز تەسىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇشىمىز كېرەك ئىدى. كىتابتىكى مەۋھۇم تېمىلارغا بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، ئاشۇ ئۈنۈمنى قازىنىش ئۈچۈن نەزەرىمىزنى مەكتەپنىڭ رىشاتكىسىدىن ئېلىپ چقىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان تېمىلارنى لايىھەلەپ، ئۇلارنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان، تېخىمۇ ھېسسىي ھەم رېئال بولغان ئەدەبىياتقا باشلاپ كىرىشىمىز، ئۇلارنىڭ نازۇك بولغان دۇنيا قارىشىنى گۈزەل شەيئىلەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق گۈزەللىك ئالىمىگە باشلاپ كىرىشىمىز كېرەك ئىدى.
كۈنىگە ئالتە سائەت، گاھى كۈنلىرى سەككىز سائەت دەرس ئاڭلاش ھەممىمىزگە سەل ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ، ئاڭلاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى، قەلبىمىزدە ئۆزگىچە ئۆركەش ياسايدىغان گەپلەر بولغاچقا، دەرس ئاڭلاۋېتىپ ھاياجانغا چۆمۈپ كېتىمىز. مانا بۈگۈنمۇ شاڭخەي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى شىې مۇئەللىم سۆزلەۋاتىدۇ:
ــــــ ئېلىمىزدە ھازىر خەنزۇ تىلى بىلەن ئېنگلىز تىلىدىن ئىبارەت قوش تىل ئۆگىنىشى يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. بۇ، ناھايىتى يۇقىرى ئىجابىي تەسىرگە ئىگە. مەدەنىيەتلەر ئۆزئارا ئالمىشىپ، تەرەققىياتقا نۇرغۇن ياخشى پۇرسەت ۋە شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بىلىم تاكامۇللىشىدۇ. ئەمما، ، بۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ. يەنى بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە تارىخىمىز ھازىر مەيدانغا كەلگىنىگە ئارانلا بەش يۈز يىل بولغان ئېنگلىز تىلى، مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسىدا يەكسان بولۇپ، غەرب مەدەنىيىتى ۋە غەرب مەدەنىيىتىگە قۇل بولغان ئەللەرگە ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. چۈنكى، تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ھازىر بىزدە ئېنگلىز تىلىغا چوقۇنۇش بەك ئېغىر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىمۇ بىلىمنى ئاساس قىلماي، مەيلى ئۇنۋان ئېلىش بولسۇن، مەيلى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇش بولسۇن، ھەرقايسى ھالقا، ھەرقايسى ئۆتكەللەردە ئېنگلىز تىلى سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئېنگلىز تىلىنىلا ئەمەس، غەرب مەدەنىيىتىنىمۇ ئەلا بىلىدىغان زەيپانە كىشىلەر ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ. خۇددى يولداش ماۋزېدۇڭ ئېيتقاندەك، مۇشۇندا شارائىتتا «بەزىلەرنىڭ بۇرنىغا يوناننىڭ ئۇسۇرىقىمۇ ناھايىتى خۇش پۇرايدىغان بولۇپ كەتتى». توغرا، ماۋزېدۇڭنى ئالايلى، ئۇ خەنزۇ تىلىدىن باشقا ھېچقانداق تىل بىلمەيتتى. ئەمما، ، ئۇ دونيا ئېتىراپ قىلغان بىر سىياسىي، ھەربىي ئالىم، دانا بىر يولباشچى، ئۇلۇغ داھىي. ئۇ ئانا تىلىدىن باشقا تىل بىلمىگەن شارائىتتىمۇ، شۇنداق زور نەتىجە يارىتالىغان. بۇنداقلار تارىختا كۆپ. ئەمما، ، بۇ ھېچقانداق چەت تىل بىلمىسەڭمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ناۋادا ماۋزېدۇڭمۇ باشقا مەدەنىي تىللارنى بىلگەن بولسا يات مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن، ھەتتا ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق بولمىغانمۇ بولارىدى... شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئەمەلىيەتتە تىل دېگەن بىر ۋاسىتە، كۆۋرۈك. ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك قاراڭغۇ ئۆيگە بىر دېرىزىنى ئارتۇق ئاچقان بىلەن باراۋەر. قاراڭغۇ ئۆي دېگەنگە قانچە كۆپ دېرىزە ئاچساڭ شۇنچە يورۇق بولىدۇ. ئەمما، بىز دېرىزىنى ئېچىش بىلەنلا قالماي، ئاشۇ دېرىزىدىن پايدىلىنالايدىغان كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىمىز، دېرىزىدىن كىرىدىغان ساپ ھاۋادىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە بۇلغانغان نەرسىلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىيەلەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈشىمىز، ھەتتا ئۆي قانچە يورۇق بولسىمۇ، بېكىنىۋالماستىن، سىرتقا چىقىپ تاشقى مۇھىتنى ئۆتكۈرلۈك بىلەن كۆزىتەلەيدىغان، سىرتقا چىقتىم دەپ، يات مەدەنىيەتنى ماختاپ ئانا مەدەنىيىتىمىزنى خارلىمايدىغان، بەلكى ئۇنى قوغدايدىغان ئەركەكلەرچە غۇرۇر تۇيغۇسى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. . . . فروفېسسورنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ خىيالغا چۆكۈپ قالدىم. . . بىر كۈنى دەرسخانىدا دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۈنۋانىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ھەققىدە سۆزلەۋېتىپ، دوسكىدا بىر رەسىمنى كۆلەڭگە چۈشۈرۈش ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ كۆرسەتتى. ھېلىقى رەسىمگە قىزىل گالىستۇك تاقىغان بىر ئوقۇغۇچى ئۆرە تۇرۇپ قولىنى شىلتىۋاتقان، ئوقۇتقۇچى تۆت پۇتلۇق بولۇپ يېلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش سىزىلغانىدى. ئوقۇتقۇچى بۇ رەسىمنى كۆرسىتىپ: «سىلەر بۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ » دەپ سورىدى. بىز گاڭگىراپ قېلىشتۇق. باشقىلار دەرھاللا : «كۆرمىگەن» دەپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتى. ئەمما، ، بىردىن كۆز ئالدىمغا گەرچە 21-ئەسىردىن ھالقىپ ئۇچۇر دەۋرىدە كېتىۋاتقان بولساقمۇ، سىنىپلىرىمىزغا ئوقۇغۇچى كەلتۈرەلمەي تارتىدىغان جاپالىرىمىز، گەرچە بۇ باشقىلارغا كونا تېما بولسىمۇ، بىزگە «مەڭگۈلۈك تېما » بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش مەسىلىسى ياندىشىپ كېلىۋالدى. ـــــ تۈپ سانىڭ ئەللىك ئۈچ، بۈگۈن كەلگىنى يەتتە، ئەتە كېلىدىغان باھالاشقا ئۈلگۈرۈپ سىنىپىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ٪98كە يەتمەيدىغان بولسا كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتلەشتۈرۈپ مائاشىڭنى كولايمىز. مۇدىرلىرىمىزنىڭ سېمىز قوۋزىنى كۆپتۈرۈپ مانا مۇشۇنداق گۈركىرەشلىرى يادىمغا يېتىشى ھامان ئىختىيارسىزلا :ــــــ رەسىمدىكىدەك ھالەت بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزدا بار ، ـــــ دەۋەتتىم. سۆزۈمنى تەپسىلىي ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ۋە كۇرسانتلار مەن سۆزلىگەن ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇرىغا پەقەتلا سىغدۇرالمىدى. قايسى بىر ناھىيەدىن كەلگەن بىر ئوقۇتقۇچى:
ــــــ سىلەرنىڭ مەكتەپلەردە « ئىككى ئاساسەن » قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلمامدۇ؟ ــــ دېۋىدى. ئىتتىكلا:
ــــــ «ئىككى ئاساسەن»نىڭ باھالىشى كەلگەن كۈنى ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىشى يۈز ئون پىرسەنت بولىدۇ، ــــ دېدىم. دەرۋەقە، بىزنىڭ رايونلىرىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە تۇراقلىشىشى باشنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مەسىلىگە ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت زور كۈچ سەرپ قىلدى. ئوقۇتقۇچىلار ھەركۈنى يىغىپمۇ ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن يېزا مەسئۇللىرى : « بىز ئەكىلىپ بېرىشكە مەسئۇل بولىمىز» دەپ كەنت باشلىقلىرىنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلدى. بۇنىڭ بىر ئاز ئۈنۈمى بولدى. چۈنكى، شادا پاچاق ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان بىلەن بۇقا گەدەن مەھەللە باشلىقىنىڭ سۆزىنى دېھقانلار بەكرەك ئاڭلايدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەمما، بۇمۇ ئوزۇنغا بارمىدى. مەكتەپكە كەلمىگەنلەردىن جەرىمانە ئېلىندى. ئىشقىلىپ ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ بۇ ئىشقا كۆپ كۈچىدى. ئەمما، ، ئۇلارنىڭمۇ ئاساسلىق ئىشى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى يىغىشلا ئەمەستە، شۇنىڭ بىلەن دېھقان بالىلىرى ئوقۇتقۇچىلار، كەنت كادىرلىرى كۈچىسىلا كېلىدىغان، بولمىسا كەلمەيدىغان رېزىنكە مىجەزنى يېتىلدۈرۈۋالدى.
باشقىلار بۇ ئەھۋاللارنى مۇلاھىزە قىلىپ ئېچىنىپ كېتىشتى. راستىنى ئېيتقاندا، شاڭخەيلىكلەر بۇنداقمۇ ئىشنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇرىغىمۇ سىغدۇرالمىدى. ھەتتا شىنجاڭدىن كەلگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران قېلىشتى. ئەمما، ، ئەھۋال راستىنلا شۇنداق ئىدى. گەرچە، كېتىۋاتقىنىمىز 21-ئەسىر بولسىمۇ.
ئەسلى ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ رەسىمنى سىزىشتىكى مەقسىتى باشقا ئىكەن. ئەمما، ، شۇ سائەتلىك دەرس ئوخشىمىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەنلا ئۆتۈپ كەتتى. يازمامنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇپ شاڭخەي بىلەن خوتەننى سېلىشتۇرغۇم كېلىپ قالدى. بەلكى، خىيالىمدا ئېگىز بىلەن پەسنى سېلىشتۇرغاندا تۇرۇۋاتقان ئورنىمىزنى ئېنىق ھېس قىلىپ، ئېگىزگە ئىنتىلىدىغان بولارمىز، دەپ ئويلىغاندىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپرېلنىڭ مەلۇم كۈنى سېلىشتۇرمىسام بولمايدىغان، شاڭخەي شەھىرىدە، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەردە غۇلغۇلا قوزغىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ كۈنى تەتقىقاتچى ئوقۇغۇچىلىققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن بىر قىز بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان. ئەمما، ، قىزنىڭ تەلىيىگە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالغان ئىكەن. مەن مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئوقۇتقۇچىدىن ئاڭلاپ مۇنداق بىر سېلىشتۇرما كۆز ئالدىمدا زاھىر بولدى: بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن خوتەن ۋىلايىتىدىمۇ 12 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى كىتاب پۇلىنى تاپشۇرالماي ئۆزىنى دوڭغاق جىگدىگە ئېسىپ ئۆلۈۋالغان. شاڭخەيدىكى قىز يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولالمىغاچقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان. خوتەندىكى بالا موھتاجلىقنىڭ زۇلمىغا چىدىماي ئۆلۈۋالغان. ئەگەر شاڭخەيلىك قىز ئۆتەلىگەن بولسا ئۇنىڭغا ماددىي كاپالەت توسالغۇ بولماسلىقى مۈمكىن ئىدى. ئەمما، ، خوتەنلىك بالا مەنىۋى تەشنالىقنى ئويلاشقا ماددىي كاپالەت يار بەرمەيلا ئۇدۇنياغا كېتىپ قالغان. بىرسى مەنىۋىي ئىھتىياج، يەنە بىرسى ماددىي تەلەپنىڭ زورى بىلەن ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئوخشاش بىر يولنى تاللىغان. يەنە بىر ئوخشاش يېرى، ھەر ئىككىسى نومۇس كۈچىدىن شۇ يولنى تاللىغان. دېمەك، نومۇس تۇيغۇسى ھەر ئىككىلىسىدىلا مەۋجۇت. ئەمما، ، شاڭخەيلىك قىزنى باشقىلار قۇتقۇزۇۋالغان، يەنە جەمئىيەت قوينىغا ئالغان. خوتەنلىك بالىنى بولسا قۇتقۇزۇۋالىدىغان ھېچكىم چىقمىغان. شاڭخەيلىك قىزنىڭ ۋەقەسى شاڭخەي شەھىرىنى زىلزىلىگە سالغان، پۈتۈن جەمئىيەت بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئەمما، ، خوتەنلىك بالىنىڭ ئاشۇ پاجىئەسى يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ قەلىمى ئاستىدا يورۇقلۇققا چىقمىغان بولسا، بەلكى ھېچكىم ئاشۇنداق بىر بالىنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە سەۋەب (ئەمەلىيەتتە موھتاجلىقتىكى، ئاچلىقتىكى كىشى ئۈچۈن بىر بۇردا نانمۇ چوڭ ئىش، چوڭ سەۋەب) جېنىنى ئالغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالغان بولارىدۇق. پىسخولوگىيە دەرسى ئۆتىدىغان مۇئەللىمىمىز خوتەندە يۈز بەرگەن ئاشۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇنى :« ھەممىسى پىسخىكا ئاجىزلىقى، پىسخىك كېسەللىك، شاڭخەيدە بۇنداق سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلار كۆپ. ئۈچ يىل بۇرۇن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بىر پەندىن ئۆتەلمىگەنلىكىدىن نومۇس قىلىپ 8-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان» دەپ ئىزاھلىدى. ئەمما، مەن خوتەن ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئىشنى پىسخىكا ئاجىزلىقى دەپلا شەرھىيەلەشكە ئانچە قوشۇلالمىدىم. شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئومۇمىي جەمئىيەتنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭى پەۋقۇلئادە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر ئىپادىسى: بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئاتا-ئانىلار يىغىنى دېسە، شەكىلگىلا بىر يىغىن ئېچىپ قويىمىز (ئىش ۋاقتىغا ئۇدۇللاپ) . ھەتتا يېزا ئاساسىي قاتلام مائارىپىمىزدا ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئاچمايمىز. ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بەكلا ناچار. ئەمما، شاڭخەيدە ئۇنداق ئەمەسكەن. ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتتا، ھەممە ئادەمگە قولايلىق ۋاقىتتا ئېچىلىدىكەن. ئېچىلغاندىمۇ، قەرەللىك، ئالاھىدە تەييارلىقى بولغان ھالدا ئېچىلىدىكەن. يىغىنغا مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تولۇق قاتناشقاننىڭ سىرتىدا، بىرمۇ ئاتا-ئانا قېلىپ قالماي تولۇق قاتنىشىدىكەن. يىغىندا مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، يىللىقلار ئوقۇتقۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتىكى مەكتەپ ئەھۋالى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى، ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قاتارلىقلار تەپسىلىي شەرھىيەلىنىپ ئوبيېكتىپ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش لايىھەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مەكتەپ بىلەن ئاتا-ئانىلار ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە، بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆزىدىكى ئۇتۇق، يېتەرسىزلىكلىرىنى تونۇپ يېتىپ، بۇندىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرى جەريانىدا نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەرنى قىلماسلىق توغرىسىدا مۇئەييەن بىر كۆز قاراشقا كېلىدىكەن. قىسقىسى، بىزنىڭ سەل قاراپ قىلمايدىغان، ياكى قىلساقمۇ قولىمىزنىڭ ئۇچىدا قىلىپ، ئۈنۈم قولغا كەلتۈرەلمەيلا قالماستىن، ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىشىمىزنى بۇيەردە ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ، ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىكەن.
مەنبە: "خوتەن مائارىپى" ژۇرنىلى