مۇشۇ كۈنلەردە يۈز بىرىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئىشلار ئادەمنىڭ ئەقلىگە پەقەت سىغمايدۇ . كونىلاردىن سورىساڭ : «زامان ئاخىرىنىڭ ئالامەتلىرى » دىگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا زامان ئاخىرىسىدا مانا شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ كەتكۈدەك . توۋا ... ماۋۇ ئۆيدىكى مۆشۈك جېنىدا چاشقان تۇتماس بولىۋالدى . قايسى كۈنى قاراپ تۇرسام بىر چاشقاننى بىردەم قوغلاپلا بولدى قىلدى . ھەممىنى قىلغان ئانام بىلەن سىڭلىم . قۇرۇق نان يىسە قانداق بولىدۇ دەپ ، لەغمەنگە سەي سېلىپ بىرىپ بېقىپ يامان ئۆگەتتى . تېخى ئاكامنىڭ كىچىك بالىسى دۇكاندىن تۈرلۈك ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن . ئۇنداق قىلسا مۈشۈك دىگەن يامان ئۆگەنمەمدۇ؟ بىر ھەپتە بولدى ، ئۆيدە چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى . ئامال يوق ، بازاردىن مەخسۇس چاشقان تۇتىدىغان « قاپقان » ئەكەلدۇق . ھازىر شۇ قاپقاندا چاشقان تۇتۇپ ، ئۇدۇللۇق تۇتۇلغانلىرىنى مۈشۈككە بىرىۋاتىمىز . ماۋۇ خوشنىمىز جېلىلكامنى تونۇمسىلەركىن ؟ يېقىندىن بۇيان غەلىتىلا بولۇپ قالدى . ئۆينىڭ ئۈگزىسىگە كىچىك قورا ياساپ قوي بېقىۋاتىدۇ . ئۇنىڭ دىيىشىچە : «ھاۋالىق يەردە بېقىلغان قوي ياخشى سەمىرەمىش !؟ » قايسى كۈنى ئۇنىڭ بورداۋاتقان قويىنى كۆرگىلى كەلگەن بىرى ئۆگزىگە چىقىمەن دەپ شوتىدىن يىقىلىپ ، پۇتىنى قايرىۋالدى .باشقىلار سەھرانى « سەھرايى قىيامەت» دىيىشىدۇ . بولۇپمۇ شەھەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە سەھرالىقلار مەڭگۈتومپاي ، يۇۋاش ، باشقىلارغا بارىنى تۆكۈدىغان لىكىن باشقىلاردىن زەرىچىمۇ نەرسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەخمەقلەر . بىراق بىزنىڭ سەھرالىقلارمۇ بوش ئەمەس . ھازىر سەھرانىڭ ئادەملىرىمۇ شەھەرلىكلەرگە قىزىقىدىغان ، شۇنداق تۇرمۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ، ھەتتا شەھەرلىكلەردىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان بولدى . ئىشەنمەمسىز ؟ ئاۋۇ مەھەللىدىكى ئاينىساگۈل ھەدىمىزمۇ : « مىنىڭ شەھەرلىكلەردىن نەرىم كام ئىدى ، شەھەرلىك قىزلاردا بار چىراي مەندىمۇ بار ، نىمىشقىمۇ بۇ سەھرايى قىيامەتتە تۇغۇلۇپ قالغاندىمەن » دەپ ئۆزىنىڭ سەھرالىق بولۇپ قالغانلىقىغا پۇشايمان يەپ يۈرگۈدەك . ئۆتكەندە ئۆزىچە ئۆيىدە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ كالتە كۆينەك كىيىپ ، چىرايلىق ياسىنىپ ، تازا گىرىم قىلىپتۇ . ئۆيدە قىلغان گىرىم قانچىلىك بولماقچىدى دەيسىلەر . ئىرى كەلگەندە شەھەرلىك قىزلارنى دوراپ ، ناز قىلىپ كۈلۈپتۇ . دەسلەپتە يولدىشىمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي ھەيران قاپتۇ . ئاينىساگۈل يولدىشىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ : «جانىم كەلدىلىمۇ ، ۋاي - يەي نىمانچە پاسكىنا بولۇپ كەتتىڭىز » دەپ ناز قىلىپتۇ . يولدىشى ئۇنىڭ بۇ قىلىقىغا دەسلەپ تازا كۈلۈپتۇ ، كىيىن كالا ئېغىلىغا ئەكىرىپ تازا ئۇرۇپتۇ. ..توۋا... يەنە يېقىندىلا شۇنداق قىزىق ئىشتىن بىرنى ئاڭلىدىم . يوقۇرقى مەھەللىدىكى ھەسەنكامنىڭ ئەر ئالماي ، يېزىدىكى يىگىتلەرنىڭمۇ ئىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بىر قىرى قىزى بار ئىدى . ئاڭلىساق يېقىندا يىراق بىر يېزىدىن قىزنى كىلىن قىلايلى دەپ ئەلچى كىرىپتىكەن ، خوشاللىقىدا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قاپتۇ...ھازىر ئېنتىرنىتتىمۇ كۈندە ئالامەت خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز . «پالانچى يەردە بىر ئايال سەمىرىپ نەچچە يۈز كىلوغا يەتتى ، يەنە سەمىرەمىش ، پالانچى يەرنىڭ باشلىقى پارىخۇرلۇق قىلىپ قېچىپ كەتتى ، پۇستانىچى دۆلەتتە ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن قىزلارغىمۇ ئۆرە تۇرۇپ ھاجەت قىلىدىغان ھاجەتخانە ياسالدى » دىگەندەك ... ئاغىينەمنىڭ ئاتمىشلەردىن ئاشقان ئانىسىمۇ يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىدىغان بولىۋاپتۇ . «تېخى ماڭىمۇ ئۆزەڭنىڭكىدەك كوت -كوت دىن بىرنى ئېلىپ بەر » دەپ ئالغۇزۇپتۇ . نىمە دەيمىز ئەمدى ، ئۇنىڭ توردىكى ئىسمى «شەھرىزات » مىش ...مۇشۇ تورنىڭ گىپى چىقسا يېزىمىزدا يۈز بەرگەن ماۋۇ ئىش يادىمغا كېلىدۇ . بۇ بىر ھەقىقىي بولغان ۋەقە ...
داۋامى پات ئارىدا يوللىنىدۇ..............