8-ئاينىڭ 13-كۈنى شياۋمى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، MIUI 7 دىن سىرت، خۇڭمى Note 2 نىڭمۇ ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. بۇندىن سىرت، شياۋمىنىڭ باش دىرېكتورى لىن بىن (林斌) كېيىنكى يېرىم يىلدا شياۋمىنىڭ يەنە ئاز بولمىغان ياخشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇنداقتا ئېيتىلغان يېڭى مەھسۇلاتلار قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ئىگىلىنىشىچە، شياۋمى5 كە Snapdragon نىڭ 810 ۋە 820 بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن ئىككى نۇسخىسى بازارغا سېلىنىدىكەن، سېتىلىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2599 يۈەن ۋە 2999 يۈەن بولىدىكەن؛ شياۋمى Note نىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسىمۇ ھازىرقى 2999 يۈەندىن 2499 يۈەنگە چۈشىدىكەن.
شياۋمى i4 كە كەلسەك، شياۋمى i4 يۇقىرى سەپلىمىلىك ۋە ئۆلچەملىك سەپلىمىلىك دەپ ئىككى نۇسخىغا بۆلۈنىدىكەن، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1099 يۈەن ۋە 999 يۈەن ئىكەن. يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان خۇڭمى Note 2 نىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىكى نۇسخىسىنىڭ باھاسى 799 يۈەن، ئۆلچەملىك سەپلىمىلىكىنىڭ باھاسى 699 يۈەن بولۇپ، بۇرۇن ئاشكارىلانغان باھا بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
تۆۋەن باھالىق مەھسۇلاتلاردىن، خۇڭمى2 نىڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك ۋە ئۆلچەملىك سەپلىمىلىك نۇسخىسىنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 599 يۈەن ۋە 499 يۈەن بولۇپ، خۇڭمى A2 نىڭ باھاسى 399 يۈەنگە چۈشىدىكەن.
ئەگەر ئۇچۇر راست بولسا، شياۋمىنىڭ كەلگۈسىدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى 399 يۈەندىن 2599 يۈەنگىچە بولغان بازارنى قاپلايدىكەن، 80 مىليون تېلېفون سېتىش نىشانىنى ئورۇندىيالامدۇ يوق بۇنىڭ ھەممىسى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىپادىسىگە باغلىق ئىكەن.