نەپەسلىنىشىڭىز ياخشى بولماي،دېمىڭىز سىقىلىسا،ھەر خخل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئازابلىنىپ، قايغۇرۇپ،تىت-تىت بولۇپ،روھى جەھەتتە چۈشكۈنلەشكەن،باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە ئۇچرىغان ياكى بىرەر ئادىلىسىزلىقىنى ئاڭلىغان،كۆرگىنىڭىزدە،ئىشتىھايىڭىز ياخشى بولماي، تاماقتىن قىلىپ، قورسىقىڭىز ئاغرىپ،بىئارام بولغىنىڭىزدا، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ بەرسىڭىز، كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىپ، روھىڭىز كۆتۈرلۈپ، يېنىڭلەپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز.
بۇ نېمە ئۈچۈن؟يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ بەرگەندە،زور مىقىداردا ئوكسېگىن سۈمۈرۋېلىپ،ئۆپكىنىڭ ھاياتى كۈچى ئاشىدۇ،نەپەسلىنىش ئىقىتىدارى ياخشلىنىدۇ،كۆكرەك قەپىسىنىڭ كېڭىيش دەرىجىسى يۇقۇرلاپ،نېرۋا سېستمىسى جانلىنىپ،ئاشقازان،ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى كۈچىيىپ،ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ،بەدەن ساغلاملىشىپ كېسەللىكلەر ساقىيىدۇ.ئۇنىڭىدىن سىرت.قاننىڭ ئېقىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ،ئەرلىك ھورموننىڭ ئاجرىلىشى ئىلىگىرى سۈرۈلىدۇ،شۇڭا،ھاۋاسى ساپ بولغان باغچا،ئوتلاق،دەرەخزارلىق،تاغ باغرى،دالا،دېڭىز ساھىللىرىغا بېرىپ،ئەتىگەن ياكى كەچتە ئېغىزىڭىزنى يوغان ئېچىپ،ئاۋازىڭىزنى قويۇپ بېرىپ،كۆكرىكىڭىزنى كېرىپ ئاسمانغا قاراپ رېتىملىق ھالدا كۈندە بىر ۋاخ يېرىم مىنۇتتىن بىر مىنۇتقىچە ئۇدا 10-20قېتىم چوڭ ئاۋازدا ۋارقىراپ بەرسىڭىز،ساغلام بولۇش مەقسىتىگە چوقۇم يېتەلەيسىز