تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئازراق «ماتېرىيال» سېلىۋىتىڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

گۈرۈچ ئاچچىقسۇيى. يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئازراق گۈرۈچ ئاچچىقسۇنى سېلىۋەتسە، تېرىدىكى مىكروپلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگىلى بولىدۇ، يەنە قېتىشىپ كەتكەن تېرە مۈڭگۈز قاتلىمىنى يۇمشىتىپ، تۈك خالتىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىش يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۈك خالتىلىرى توسۇلۇش مەنبەلىك دانىخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

يېشىل چاي. يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئازراق يېشىل چاي قوشۇۋەتكەننىڭ پايدىسىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى يېشىل چاي ئىلىم ساھەسى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان رولغا ئىگە، ئۇنىڭدا يەنە چاي پولىفۇنىلى بار. بۇ ماددا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرالايدۇ، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇل كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغانلارغا باب كېلىدۇ. 

ئاق شېكەر. ئاق شېكەر پەقەت يەيدىغانلار نەرسە ئەمەس، ئۇنى يەنە يۈز يۇيىدىغان سۇغا قوشسا، يۈزگە چىققان مۇدۇر-چوقۇرلارنى يوقىتىدۇ. 

تۇز. يۈز يۇيىدىغان سۇغا ئازراق تۇز قوشۇۋەتكەندە، قېلىراپ كەتكەن تېرە مۈڭگۈز قاتلىمىنى يوقىتىپلا قالماستىن، يەنە تېرىدىكى ئارتۇقچە ياغنىمۇ يوقىتىدۇ. دائىم تۇز قوشۇلغان سۇ بىلەن يۈز يۇيغان ئادەم تېرىسىنىڭ يۇمرانلىشىپ، چىڭىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ، ياغلىق تېرىلەرگە بەك باب كېلىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز