1. ھەربىر سەككىز ئايالنىڭ بىرسى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك ھېسابلىماي پا-پات تەكشۈرتۈپ تۇرۇڭ.
2. سۈت بېزى راكى ئاياللارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان2-قاتىل، بىرىنچىسى يۈرەك كېسىلى.
3. ئەرلەرمۇ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، نىسبىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەۋجۇد.
4. ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ (ئادەتتە40ياشتىن كېيىن) ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ.
5. باشقا كۆكرەك كېسەللىكلىرىگە سۈت بېزى راكى دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلۇپ قالىدۇ، مەسىلەن سۈت بېزى ئۆسۈپ قېلىش، ئىششىش، تالا بېزى ئۆسمىسى قاتارلىقلار، شۇڭا چوقۇم ئىنچىكە تەكشۈرتۈش كېرەك.
6. ھاراق ئىچىش،سېمىزلىك، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ساغلام بولماسلىق قاتارلىقلار سۈت بېزى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل، شۇڭا ھاراقنى ئاز ئىچىپ، ھەرىكەت قىلىشنى كۆپەيتىپ، تاماقنى ياخشى يىيىش كېرەك.
7. پەقەت % 10.8 سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ بەش يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى بار،قالغان%89.2 ى پۈتۈنلەي نورمال تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
8. ھەركۈنى يۇيۇنغاندا قولىڭىز بىلەن كۆكرىكىڭىزنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، ئىششىق بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىڭ.
9. 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار ھەريىلى كۆكرەكنى سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈتۈپ تۇرۇش كېرەك، بۇ سۈت بېزى راكى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.