ئاخىر يېتىپ كەلدى
ي.كانۋسكى (سوۋت ئىتتىپاقى)
ئابلەت بەكرى تەرجىمىسى
ـ بۇنداق قىلشىنى خالىمايمەن!... بۇنداق قىلمايمەن!... بۇنداق قىلىش ھوقۇقۇممۇ يوق!... - زاۋۇت باشلىقى كەينى - كەينىدىن قوپاللىق بىلەن ۋاقىرىۋىدى، ئۈچ خىزمەتچى ئىشخانىدىن غىڭ قىلماي چىقىپ كەتتى.
ئايال كاتىپ كىرىپ ئېغىزى پېچەتلەنگەن بىر كونۋىرتنى زاۋۇت باشلىقىغا بەردى.زاۋۇت باشلىقى كونۋېرتقا قارىدى-دە، خۇشال بولۇپ سۆزلەپ كەتتى!
ـ ئاھ، ئاخىرى يېتىپ كەلدى!... ئاندىن ئۇ توساتتىنلا بىر ئىشنى يادىغا ئالغاندەك ئىشىككە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
ـ ئۇلارنى چاقىرىپ كىرىڭ! - دېدى ئۇكاتىپقا. كاتىپ ئەرزگە كەلگەنلەر بىلەن لىق تولغان كۈتۈش زالىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ھېلىقى ئۈچ خىزمەتچىنى ناھايىتى تەسلىكتە تېپىپ كىردى.
ـ سىز بايام بىزگە ئۆي كېرەك، دېۋىدىڭىزغۇ دەيمەن، - دەپ سورىدى زاۋۇت باشلىقى بىرىنچى كىشىدىن.
ـ ھەئە، ئىگور پېتروۋىچ. ھېچبولمىغاندا بىر يۈرۈش بولسىمۇ مەيلى! مەن ئۇلارنى شۇ ئۆيگە كۆچۈرەي.
ـ نېمىشقا ئارانلا بىر يۇرۇش دەيسىز؟ سىلەرگە تۆت يۈرۈش بېرەي. ياش مۇتەخەسسىسىلەرنى ئاسراش كېرەك - تە، ھەربىرىڭلەرگە بىر يۈرۈشتىن بولسۇن.
ـ مەن لايىھىلىگەن چېرتيوژنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈپ بېقىشنى بولسىمۇ تەستىقلىغان بولسىڭىز، - دەپ ئۆتۈندى ئىككىنچى كىشى.
ـ بۇنداق قىلساق ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر يېتىدۇ. بىز دەرھال بۇ لايىھىنى ھەممە سېختا ئىشلىشىمىز كېرەك. ھە راسىت! ئازراق قاراملىق قىلمىسىمۇ ئىش ئاقمايدۇ - دە. خوش، سىزنىڭ تەلىپىڭىز؟ - دەپ سورىدى زاۋۇت باشلىقى ئۈچىنچى كىشىدىن.
ـ ئىش باشقۇرغۇچىغا ئېيتىپ قويۇڭە، كىشىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا سوغۇق سۇ سەپمىسە، - دېدى ئۈچىنچى كىشى.
ـ ئېتىپ قويۇش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ، مەن ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئورنىغا سىزنى قويىمەن، بىز ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن غەم يەيدىغان كىشىلەرگە مۇھتاج، - دېدى زاۋۇت باشلىقى.
ئەرزئېيتىپ كەلگەن كىشىلەر ئىشخانىدىن خۇشال چىقىپ كەتتى.
ـ ئىگورپېتروۋىچ بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى، باشقىچىلا بولۇپ قاپسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى كاتىپ.
زاۋۇت باشلىقى ئۈستەلنىڭ يېنىدا خۇددى مۇنبەردە تۇرغاندەك تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى:
ـ مەن بۇ ئورۇندا يىگىرمە يىل ئولتۇرغان بولساممۇ، مەسئۇلىيەتتىن قورقۇپ، ئۆز ئالدىمغا بىرەر ئىشنىمۇ قارار قىلالمىدىم. مەن ئۇزۇندىن بېرى پېنسىيىگە چىقىشنى كۈتۈۋاتاتتىم. بۈگۈن ئاخىرى مەقستىمگە يەتتىم: ئەتىدىن باشلاپ مەن پېنسىيىدىكى ئادەممەن. دېمەك، بۈگۈن قىلغان ھەممە قارارلىرىمغا ئەتە باشقا ئادەم كېلىپ مەسئۇل بولىدۇ. سىز دەرھال بېرىپ زاۋۇتتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ مېنىڭ يېنىمغا بىر - بىرلەپ كېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپ قويسىڭىز، مەن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلايمەن، ھەممىسىنى ھەل قىلىمەن... يېرىم ئۆمرۈم پۇت - قولۇمنى باغلاپ قويغاندەك ئۆتتى، ئاخىرى يېرىم كۈن بولسىمۇ راۋۇرۇس خىزمەت قىلىۋالاي. ئاھ، مەن كۈتكەن بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى!
بۇ ھېكايە «سوۋېت ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1985-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.