ئەرلىك جىنسي ئىقتىدارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى دۈشمىنى
----بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسلىرى: ھاراق ۋە تاماكا جىنىسىي ھورموننى تورمۇزلاپ، تىكلەنمەسلىك ياكى بالدۇر كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىكىسپىر مۇنداق دىگەن: ھاراق ھەۋىسىمنى قوزغاتتى، شۇنداقلا ھەركىتىمنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى. جىنىسىي تۇرمۇشتا، ھاراقنى كۆپ ئىچىش ئەرلەرگە تېخىمۇ زىيانلىق.
ئامېرىكا ئالىملىرى بىر قېتىملىق ناھايىتى زىلزىلە قوزغىغان سىناق ئېلىپ بارغان: ئۇلار ئالى مەكتەپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىغا ھاراق ئىچكۈزگەن، ئارقىدىن شەھۋانى فىلىم قويۇپ بەرگەن. نەتىجىدىن بايقىلىشىچە، بەدەندىكى ئىسپىرت مىقدارى قانچە كۆپ بولغانسېرى، ھەتتا مەس بولۇپ قالمىغاندىمۇ، تىكلىنىشى توسۇنلۇققا ئۇچرىغان. تەتقىقاتچىلار ئارتۇق ئىچىلگەن ھاراق مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ۋە جىنىسي نېرۋىنى تورمۇزلاپ، جىنىسىي ھىسسىياتنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە دەخلى قىلىدۇ ۋە ئەرلەردىكى تىكلىنىش قىيىنچىلىقى ياكى بالدۇر كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، قان تەركىۋىدىكى ئەرلىك ھورمونمۇ تەڭلا تۆۋەنلەپ، ئەرلەرنىڭ جىنىسي ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تاماكا چېكىشنىڭ ئۆپكە راكى، بۆرەك راكى، بوغاز راكى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ، بىراق تاماكا چېكىشنىڭ ئەرلەرنىڭ جىنىسي ئىقتىدارى ۋە تۇغماسلىق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىغا نۇرغۇن كىشىلەر سەل قارايدۇ. شياڭگاڭدىكى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 20 تالدىن كۆپ تاماكا چىكىدىغان ئەرلەرنىڭ جىنىسي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. كانادادىكى بىر تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، جىنسي ئىقتىدار ئاجىزلىقىغا گىرىپتار بولغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدە، تاماكا چىكىدىغانلار ياكى بۇرۇن تاماكا چەككەنلەر چەكمىگەنلەرگە نىسبەتەن بىر ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسلىرى بۇنىڭ سەۋەبىگە نىسبەتەن مۇنداق دەيدۇ: تاماكا تەركىۋىدىكى نىكوتىننىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارغا نىسبەتەن قالايمىقانلاشتۇرۇش رولى بار، يەنى جىنىسي ھورموننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلايدۇ ۋە قان تەركىۋىدىكى تېستوستېروننى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇنداقلا، نىكوتىن قان تومۇرغا تەسىر قىلىپ، تاش بۆرەكنىڭ قىزىل قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىنى، تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاش بۆرەكنى يىگىلىتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق جىنىسي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ھاراق تاماكىدىن باشقا، بىر قىسىم يامان ئادەتلەرمۇ ئەرلەرنى "ھەيۋىسى"دىن ئايرىۋېتىدۇ، مەسىلەن تۇرمۇش بېسىمىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇشى، روھى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى، سەلبى كەيپىياتنىڭ ئورىۋېلىشى قاتارلىق. شۇڭلاشقا بوغدا دوختۇرخانىسى سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرۇڭ، يىمەك ئىچمەكنى تەڭشەڭ، خۇشال-خۇرام يۈرۈڭ ۋە كەڭ قوساق بولۇڭ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: ئەسەر ھوقۇقى بوغدا دوختۇرخانىسىغا تەۋە، كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!