تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىي قىلمىقى نېمە ئۈچۈن تەس بولىدۇ؟

ئاسىيا كىندىكى تورى يېقىندا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ شىنجاڭ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئانالىزىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا ھازىر شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك 3 مەسىلە يىغىنچاقلاپ چىقىلغان.

1.مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسراپىل ئەبەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك مىللىي تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن تەلەپكە يېتىپ بولغان بولۇپ، داۋالاش ئۇسۇلى، داۋالاش تېخنىكىسى ۋە ياسالغان دورىلىرىنىڭ كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. لېكىن بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆلچەملەشكەن داۋالاشتىكى ھالقىلىق تېخنىكىسىغا نىسبەتەن ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سودا سۇغۇرتىسى قاتارلىق 3-تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەي تەرەققىياتى توسالغۇغا ئۇچرىغان.

2.مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تەرتىپكە سېلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا موھتاج.

ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرى تۈر ۋە سان جەھەتتە مەملىكىتىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا بازارغا سېلىنغان ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ تۈر سانى بازاردىكى تىبەت دورىلىرى بىلەن موڭغۇل دورىلىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %24 ۋە %40 كە توغرا كېلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭدىكى مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلاردا كۆلىمى كىچىك بولۇش، تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش، سېتىش ئۇسۇلى ئارقىدا قېلىش، مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.

3.ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق دورا تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گۇ جېڭيى (顾正一) نىڭ قارىشىچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر تېبابەت نەزەرىيەسىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە ھازىرقى زامان تېبابەت نەزەرىيەسىنىمۇ پۇختا ئىگىلىگەن كەسپىي خادىملار ئومۇميۈزلۈك كەمچىل بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابەت نەزەرىيەسىگە بولغان تەتقىقات، قېزىش، رەتلەش، قوغداش باسقۇچىدىلا توختاپ قالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىغا بولغان ئاساسىي تەتقىقات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەس بولغان.


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز