تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
لوپ قەلىپداشلار دوختۇرخانىسى چەكلىك شىركىتى

دوختۇرخانىمىز 2005-يىلى لوپ ناھىيسىدە قۇرۇلغان خۇسۇسى ئىگىلىكتىكى پۇقراۋى دوختۇرخانا بۇلۇپ ،دوختۇرخانا قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە، پارتىيە ھۇكۇمەتنىڭ ۋە ھەر دەرىجىلىك سەھيىە تارماقىلرىنڭ ياردىمى ئاستىدا تەرەققى قىلىپ، بۇگۇنكىدەك 100 دىن ئارتۇق كىسەل كارۋىتى بار بولغان، ئونۋىرسال ۋە ئەمەلىي كۇچى زور بولغان چوڭ تىپتىكى پۇقراۋىي دوختۇرخانىغا ئايلاندى.

دوختۇرخانىمز 2007- يىلنىڭ بېشىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەخ سېلىش ئارقىلىق قۇرۇلۇش كۇلۇمى 2500 كۇۋادىرات مىتىر كىلىدىغان، 4 قەۋەت 100 كارۋاتلىق ئونۋىرسال كىسەلخانا بىناسى قۇرۇپ چىقدى. دوختۇرخانىمىز، يۇقۇرى دەرىجىلىك سەھىيە ئۇرۇنلرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يېزىلاردىكى دىھقان چارۋىچىلارنىڭ ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش نوختا قىلىنغان داۋالاش ئاپپىراتى، شەھەر بازار ئاھالىللرى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرنڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى نوختا قىلىنغان داۋالاش ئاپراتى قىلىپ بەلگىلەنگەن. 

ھازىر دوختۇرخانىدا بار بولغان ئومۇمىي ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 180 نەپەرگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە تىببى خادىم 145 نەپەر، ئارقا سەپ ۋە مەمۇريەت خىزمەتچىللىرى 35 نەپەر، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاراچ ئۇنۋانى ئالغانلار 2نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجە ئۇنۋانى ئالغانلار 5نەپەر، بالنسىت دوختۇرى 20 نەپەر، ئامبۇلاتۇرىيە دوختۇرى 10 نەپەر، مىدىتسىنا تەكشۇرۇش خادىمى 10 نەپەر، دورىگەر 8 نەپەر، سستىرا 80 نەپەر، بۇلۇپ ئەمەلىي كۇچى زور بولغان، مۇكەممەل بىر داۋالاش قۇشۇنىغا ئىگە .

دوختۇرخانىمىزدا ئاساسلىقى، بالىلار كىسەللىكلەر بۇلۇمى، ئىچكى كىسەللىكلەر بۇلۇمى، تاشقى كىسەللىكلەر بۇلۇمى، ئاياللار كىسەللىكلەر بۇلۇمى، سۆكەك كىسەللىكلەر بۇلۇمى جۇڭيىچە داۋالاش بۇلۇمى  قاتارلىق بۇلۇملەر تەسىس قىلىنغان.

دوختۇرخانىمىزدىكى ئاساسلىق ئۇسكۇنىلەر، قۇش يۇنلۇشلۇك CT ئاپراتى، ئىنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان رەڭلىك بىچاۋ، قۇرساق بوشلۇقى ئەينىكى، ئاشقازان ئەينىكى، ئۆپكە ئىختىدارىنى تەكشرۇش ئۇسكىنى، مەخسۇس سۆكەك كىسەللىكلىرىنى تەكشۇرۇشتە ئىشلىتىدىغان سىشىڭبى، C型避12 يوللۇق يۇرەك تەكشۇرۇش ئۇسكۇنىسى (شىندىيەنتۇ)،ھەركەتچان يۇرەك تەكشۇرۇش ئۇسكۇنىسى، ھەركەتچان قان بېسىم ئۆلچەش ئەسۋابى، پۇتۇن ئاپتۇماتىك قان ئانالىز قىلىش ئۇسكۇنىسى، رىنتىگىن ئاپپاراتى (DR)، ۋىلايەت بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سۇنئى نەپەسلەندۇرۇش ئۇسكۇنىسى، ھەر خىل ياخشى يامان سۇپەتلىك راكلارنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن ئىشلىتىدىغان پاتۇلوگىيەلىك تەكشۇرۇش ئۇسكۇنلىرى، ئاياللار جىنسى يول ئەينىكى، قۇرساق بوشلۇقى ئەينىكى ،سۇيدۇك يولىدىكى تاشنى پارچىلاش ئۇسكۇنىسى، پۇتۇن بەدەننى مەس  قىلىش ئۇسكۇنىسى قاتارلىق دۆلىتىمىزنىڭ ۋە چەتئەلنىڭ ئىلغار تىپتىكى داۋالاش ئۇسكۇنلىرى بار.>

ئامبۇلاتۇر بۇلۇمىمىزدە: بىمارلار، ھېيىت بايرام دەم ئېلىش كۇنلىرى كىسەل كۆرسىتىش قىين بۇلۇش ۋە دوختۇر تاپالماسلىقتەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەخسىتىدە، بىمارلار ئۇچۇن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىش تۇزۇمى ئۇرنۇتۇلغان بۇلۇپ، بىمارلار قايسى ۋاقىتتا كىلىپ كىسەل كۆرسىتىشتىن قەتئىي نەزەر، ئامبۇلاتۇر بۇلۇمدىكى دوختۇرلار بىمارلار ئۇچۇن 24 سائەت ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

دوختۇرخانىمزنىڭ ئوپراتسيە بۇلۇمى 24 سائەت ئىچىدە جىددى ئوپراتسىيە قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان بۇلۇپ ،ئوپراتسىيەخانىغا يۇقۇرى چاستوتىدىكى توك پىچىقى، يۇرەك ھەركىتىنى قۇزغاتقۇچ، قۇرساق بوشلۇقى ئەينىكى ،سۇيدۇك يۇلىدكى تاشنى پارچىلاش ئۇسكۇنىسى، پۇتۇن بەدەننى مەس قىلىش ماشىنسى قاتارلىق ئىلغار ئۇسكۇنلەر سەپلەنگەن بۇلۇپ، دوختۇرخانىمزغا كەلگەن ھەر خىل ئادەتتىكى ۋە مۇرەككەپ بولغان ئوپراتسىيەلەرنى ۋاختىدا بىر تەرەپ قىلىش شارائىتى ھازىرلانغان.

قۇرساق بوشلۇقى ئەينىكى ئارقىلىق قىلىندىغان ئاساسلىق ئوپراتسىيەلەردىن : ئۆتنى كىسپ ئېلىۋىتىش، سۇقۇر ئۇچەينى كىسىپ ئېلىۋىتىش، ئاشقازان ۋە ئۇچەي يوللىرىدىكى ھەر خىل ئۆسمىلەرنى كىسىپ ئېلىۋىتىش،ئاياللاردىكى بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسىنى كىسىپ ئېلىۋىتىش،تۇخۇمدان ئۆسمىسىنى ئېلىۋىتىش قاتارلىقلار .

ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئوپراتسىيەلەردىن: بۇۋاسىر ،مەقەت ئاقمىسى ،مەقەت ئۆسمىسىنى كىسىپ ئېلىۋىتىش ،مەقەت ئەتراپىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق ،قولتۇق پۇراش ،چىقۇق قاتارلىقلار .>

سۇيدۇك يۇلى ئەينىكى ئارقىلىق قىلدىغان ئاساسلىق ئوپراتسىيەلەر :سۇيدۇك يۇلىدىكى ۋە بۆررەككە چۇشكەن ھەر خىل چوڭ- كىچىك تاشلارنى پارچىلاپ ئېلىۋىتىش ،بۆررەككە سۇ يىغىلىش ،بۆررەكتىكى غەيرىلىك ،قاتارلىق كىسەللىكلەرنى زەخمىسى ئىنتايىن كىچىك ھالەتتە مۇۋاپىقيەتلىك ئوپراتسىيە قىلىنىپ بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابى يەڭگىللىتىلدى.

ئىچكى بۇلۇمىمىزدە : تاجىسىمان يۇرەك ئارتىرىيە تۇمۇر قېتىش كىسىلى :يۇرەك سانجىقى ،يۇرەك مۇسكۇل تىقلمىسى ، ، يۇرەك زەئىپلىشىش ،يۇرەك رېتىمزسىزلىقى ، ئۆپكە مەنبەلىك يۇرەك كىسىلى ،رىماتىزىم خارەكتىرلىك يۇرەك كىلىسى ،مىڭىگە قان چۇشۇش ،مىڭىدە قان تۇسۇلۇش ،ئۆپكە ياللۇغى ،قالقانسىمان بەز ئىختىدارى ئېشىپ كىتىش كىسىلى ،كۆكرەك پەردە ياللۇغى ، يۇقۇملىنىش خارەكتىرلىك شوك ،نەپەس زەئىپلىشىش ،جاھىل خارەكتىرلىك زىققا،ئاشقازان ئۇچەي چوڭ قاناش ،يۇقۇرى قان بېسىم كىسەللىكلرى ،دىئابىت كىسەللىكلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كىسەللىكلىرى ،بۆررەك زەئىپلىشىش ۋە بۆررەك شارچە ياللوغى ،جاھىل خارەكتىرلىك رىماتىزىم ،ئاشقازان، ئۇچەي كىسەللىكلىرىنى ئۇنۇملۇك داۋالاپ ،بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابى يەڭگىللىتلدى .

نۆۋەتتە ئىچكى بۇلۇمىمىز ،بىمارلارغا ئازادە مۇھىت يارتىپ بىرىش مەخسىتىدە ئىككىگە ئايرىۋىتىلگەن بۇلۇپ ،مەخسۇس كادىرلار ياتاق رايۇنى ۋە ئېغىر كىسەللەرنى كۇزىتىش ئۇيى (ICU ) تەسسىس قىلىندى ،بۇ بۇلۇمگە يۇرەك كۇزىتىش ئەسۋابى ۋە مەركىزى ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى كۇزىتىش ئەسۋابى ئورنۇتۇلغان بۇلۇپ ،ئىچكى كىسەللىكلەرگە ئائىت ھەر خىل ئېغىر ،خەتەرلىك كىسەللىكلەر قۇبۇل قىلنىپ ،بىمارلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ تىز ئەسلىگە كىلىشىگە ،تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت يارتىپ بىرلدى .

بالىلار بۇلۇمىمىزدە :كىچىك بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى ،زىققا ،ئېغىر ئۆپكە ياللۇغىغا ئەگىشىپ كەلگەن يۇرەك زەئىپلىشىش كىسىلىنى داۋالاش ۋە دىئاگۇنۇز قۇيۇش ،بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دىئاگۇنۇز قۇيۇش ،تۇغۇلما خارەكتىرلىك يۇرەك كىسىلىگە دىئاگۇنۇز قۇيۇش ،مىڭە پەردە ياللوغىغا دىئاگۇنۇز قۇيۇش ،قىيىن تۇغۇتتىن كىلىپ چىققان بالىلاردىكى مىڭىگە قان چۇشۇش كىسەللكلىرىگە دىئاگۇنۇز قۇيۇش ۋە داۋالاش شارائىتى ھازىرلانغان بۇلۇپ ،بۇلۇم ئىچىدە ،كسىلى ئېغىر بالىلارغا نىسبەتەن كۇزىتىش ئۇيى تەسسس قىلنغان بۇلۇپ ،كۇزىتىش ئۇيى ئىچىگە يۇرەك ھەركىتىنى كۇزىتىش ئەسۋابى ،جىددى ئوكسىگىن بىرىش ئەسۋابى قاتارلىق ئۇسكۇنىلەر سەپلەنگەن .

ئاياللار بۇلۇمىمزدە : ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان ،ھەر خىل چالا چۇشۇرۇلگەن ھامىلە ،قۇرساق ئىچىدە ئۇلۇپ كەتكەن ھامىلىلەرنى تازلاپ چۇشۇرۇش ،ئايالاردىكى بالياتقۇ شەلۋەرەش ،بالياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى ،بالياتقۇ سرتىدىكى ھامىلە بۇلۇش  ،قاتارلىق ئاياللارغا دائىر ھەر خىل كىسەللىكلەرنى ،لىپ پىچىقى ئارقىلىق ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش شارائىتى ھازىرلانغان.

تاشقى بۇلۇمىمىزدە :بەدەننىڭ ھەر خىل ئۇرۇنلىرىدىكى چىقوقلارغا تور سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق داۋالاپ ساقايتىش ،ھەر خىل سۇڭەك زەخمە كىسەللىكلىرى ،چوڭ كۇلەملىك كۇيۇكتىن كىلىپ چىققان تارتۇقنى تۇزەش ئوپراتسىيسى ،چوڭ كىچىك سۇنۇق ،پەي ئۇزۇلۇش ،بۇغۇم غەيرىلىك ،قاتارلىق ئوپراتسىيەلەرنى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن مۇقۇملاش ئۇسۇلى ۋە گاڭبەنلەش ،ھەر خىل گاڭبەنلەرنى ئېلىش قاتارلىق تۇرلەر يولغا قۇيۇلغان . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ،بالىلاردىكى ئۇرۇقدان غىلاپ پەردىسىگە سۇ يىغىلىش ،تۇغما خارەكتىرلىك ئۇرۇقدان چۇشمەسلىك ،يۇشۇرۇن ئۇرۇقدان ،ئۇرۇقدان يىگىلەپ كىتىش ،ئۇرۇقداندىكى ئۆسمىنى بىر قېتىمدا داۋالاپ ساقايتىش ،بەدەن سىرتىدىكى ماي ئۆسمىسى ،قان تۇمۇر ئۆسمىسى ،تالا ئۆسمىسى ،سۇڭەك ئۆسمىسى ،ھەر خىل بۇغۇملاردىكى سۇڭەك پارچىللىرىنى ئېلىۋىتىش قاتارلىق تۇرلەر يولغا قۇيۇلغان .

جۇڭيىچە داۋالاش بۇلۇمىمىزدە :پەللىگە يىڭنە سانجىش ئۇسۇلى ،لوڭقا قۇيۇپ داۋالاش  ،بەدەننى ئۇلاش ،ھەر خىل ئۇمۇرتقىلارنى سۇزۇش ئارقىلىق، سۇڭەك ئۆسمىسى ،پالەچ قاتارلىق كىسەللەرنى ئۇنۇملۇك داۋالاش شارائىتى ھازىرلاندى .

دوختۇرخانىمىز ئادەمنى ئاساس قىلشنى بىرىنجى ئۇرۇنغا قويغان بۇلۇپ ،دوختۇرخانىمىزغا كەلگەن بىمارلارغا ،ئارتۇقچە دورا يازماسلىق ،زۇرۇر بولمىغان تەكشۇرۇشلەرنى قىلماسلىق ،24سائەت نۆۋەتچى تۇرۇپ كىسەل قۇبۇل قىلىش تۇزۇمىنى يۇرگۇزۇپ ،داۋالاش ۋە تەكشۇرۇش تۇرلىرىنى ئۆز رايۇنى بۇيىچە ئەڭ تۇۋەن باھادا ئېلىش قاتارلىق ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ،كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ زور ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئىرشىپ كەلدى . دوختۇرخانىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى تەرەققىيات نىشانى، تىببى خادىملارنىڭ داۋالاش سەۋيەسىنى تېخمۇ ئۆستۇرۇپ، مۇلازىمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىخدىساسلىق خادىملارنى تەكىلپ قىلىپ، تىببى خادىملارنى  تەربىيەلەشنى كۇچەيتىپ، سەھىيە ساقىلقنى ساقلاش ئىشلىرى ئۇچۇن  تۆھپە قۇشۇشدىن ئىبارەت .


خوتەن لوپ قەلىپداشلار دوختۇرخانىسى

تېلېفۇن نومۇرى: 6625213-0903

تور ئادرىسى :ۋاقتىچە يوق

ئادىرىسى: شىنجاڭ خوتەن لوپ ناھىيە دول يولى 45- نومۇر

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز