تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
كۆزەينەك ئالماشتۇرغاندا گرادۇسقا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

دائىم تېلېۋىزور كۆرگەندە كۆزدىن ياش ئېقىش، كۆزگە بىرنېمە كىرىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا بولۇش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، ھەتتا كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

مۇتەخەسسىلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ: ئىلگىرى تاقاپ باققان كۆزەينەك زىيادە كۈچىنىش سەۋەبىدىن كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئەگەر يېڭى كۆزەينەك سەپلەشكە توغرا كەلسە، يېڭى ۋە كونا كۆز ئەينەكنىڭ گرادۇس پەرقى 125گىرادۇستىن ئاشمىغىنى ياخشى. 

مۇتەخەسسىلەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئەمەلىيەتتە ئادەمنى كۆزىدە تۇغما تەڭشەش ئىقتىدارى بولىدۇ، ئۇلار يىراققا قارىغاندا كۆز ئاساسەن تەڭشەشكە كۈچىمەيدۇ، بىراق جىسىم بەش مېتىرغىچە يېقىنلاشقاندا كۆز ئاندىن تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئېنىق كۆرۈش مۇقامىغا يېتەلەيدۇ. جىسىمنىڭ يۆتكىلىشى قانچە يېقىن بولسا، كۆزنىڭ تەڭشەش سالمىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، كۆز يېقىندىكى جىسىمنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن جىددىي تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭا تاقىغان كۆزەينەكنىڭ گىرادۇس پەرقى 125 گرادۇستىن تۆۋەن بولسا كۆزگە پايدا قىلىدۇ. 




ئەسلى مەنبەسى: wlmqwb.com
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز