ئەي،مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولغان ئەر، شۇنى بىلگىنكى، ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما، ئۇ شەرەپ ۋە شۆھرەت ئۆتمۈشۈڭگە مەنسۇپتۇر. ئەجدادىڭدىن قالغان شان-شەرەپكە ۋە شۆھرەتكە سەنمۇ يېڭى بىر مۇناسىپ شان شەرەپلەرنى قۇچىقىن، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي شەرەپلىك بولىسەن.
ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپكە ئىشەنچىڭ بولمىغۇچە ئاتاڭنىڭ شان-شەرىپى بىلەن شەرەپلىك بولۇش داۋاسىدا بولما. چۈنكى، ئۆزۈڭگە خاس شەرەپ بولمىغۇچە، باشقىلارنىڭ شەرىپى ساڭا ئەسقاتمايدۇ، ئۆتمۈشۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپ بىلەن شەخسىي ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپ ئارىسىدىكى پەرق بۈگۈن بىلەن تۈنۈگۈن ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشايدۇ.