تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
زىلۋا بەدەن بولاي دېسىڭىز، مۇۋاپىق غىزالىنىڭ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:زىلۋا بەدەن بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا يېيىش، كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ مول بولغىنى ياخشى، ئەتىگىنى ئورۇندىن تۇرۇپلا بىر ئىستاكان مېۋە سۈيى ئىچىپ بېرىش كېرەك. مېۋە سۈيى بەدەندىكى ۋىتامىنCنى تولۇقلاپ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا ھەسسە قوشىدۇ. ئەتىگەندە قارا ئاشلىقتىن قىلىنغان تائاملارنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىش، كالا سۈتى، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئىستېمال قىلىش كېرەك.چۈشلۈك تاماقنى ئازراق يېيىش، يەنە تەركىبىدە ۋىتامىن مول يېشىل كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: كەرەپشەغ يېسىۋېلەك، قاتكۆك، ياۋا كۆكتات، پېدىگەن، شوخلا ۋە قوغۇن قاتارلىقلار.كەچلىك تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك. كەچتە مېۋە ئىستېمال قىلىش ئۈنۈملۈق ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ ھەزىم بولمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قورساققا يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئورۇق گۆش، بېلىق، راك، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر ئورۇقلاشقا پايدىلىق.ئورۇقلاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپرەك سۇ ئىچىش، سۇس دەملەنگەن چاي، كۆك چاي، قىزىل چاي ئىچىش قاتارلىقلارمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ياغنى پارچىلاپ، قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.2-باسقۇچتا سۇنى ئازراق ئىشلىتىش كېرەك. بۇ باسقۇچتا ئالدىنقى باسقۇچتىكىسىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. بۇ باسقۇچتا مېۋىلەرنى تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن: ئالما، نەشپۈت، ئاپېلسىن، شوخلا قاتارلىقلار ئادەمنى ئورۇقلىتىدۇ. بانان، مانگو قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقۇرى مېۋىلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، مېۋە تەركىبىدە قەنت مىقدارى كۆپ بولغاچقا، بۇ باسقۇچتا كۈندە بىر-ئىككى تالدىن مېۋە يەپ بەرسە كۇپايە.1-ۋە 2-باسقۇچتىكى سەككىز كۈنلۈك تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىشدىن كېيىن ئادەم بۇرۇنقىدىن خېلىلا يەڭگىللەپ قالىدۇ. ئىلمىي ئوزۇقلىنىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەننىڭ زىلۋالىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز