بىراق گۇگۇل ئورگىنى قاچان رەسمىي بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.
پەن-تېخنىكا تورىنىڭ 19-فېۋرال خەۋىرى: ئىنتېل شىركىتى ئاندىروئىد بىلەن ھەمكارلىشىپ X86 نۇسخىسىنى قوللايدىغان ئاندىروئىد سىستېىمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئاندىروئىد 4.4 نۇسخىسنىڭ چىقىشى بىلەن سىستېمىدا نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدار بولۇش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىكى تېخىمۇ ئاشتى. ئىنتېل شىركىتى كۆچمە بىر تەرەپ قىلغۇچ تەتقىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە مەھسۇلاتى باشقا شىركەتلەرنىڭكىگە يەتمىسىمۇ لېكىن بەلگىلىك دەرىجىدە بازار بوشلۇقىغا ئىگە. يېقىندا گۇگۇل ئاندىروئىد 4.4-RC1 نۇسخىسى توردا ئاشكارىلانغان. بۇ سىستېما رەسمىي ھالدا مەخسۇس ئىنتېل شىركىتى تەتقىق قىلغان X86 نۇسخسىغا قارىتىلغان بولۇپ، يېقىندا رەسمىي ھالدا بازارغا سېلىنىشى ئېنىق ئىدى.
كېسىلگەن رەسىم پارچىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاندىروئىد 4.4-RC1 نۇسخىسىغا كۆپ ۋاستىلىق ئىقتىدار مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئابونت ئۈچۈن ھەر خىل مېدىيەنى قوللايدىغان ھەمدە چوڭ ھەجىمدىكى قوزغاتقۇچ بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ سىستېما كۆپ بولغاندا 8 ئەزانى قوللاش بىلەن بىرگە خاتىرە كومپىيوتېرمۇ قوللايدىكەن دېمەك كومپىيوتېرىڭىزنى ئاندىروئىد سېستىمىسىغا ئالماشتۇرۋالغىلىمۇ بولىدۇ.
ئاندىروئىد 4.4-RC1 نۇسخىسى بىر يۈرۈش مۇكەممەل ھەل قىلىش لايىھىسى بولۇپ قالدى، بىرلا ۋاقىتتا مۇكەممەل بولغان ئىجرا قىلىش ئەسلى كودى، يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئارخىپ ھەمدە Live CD ۋە Live USB بىلەن تەمىنلىدى، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئاندىروئىد سىستېمىسىنى قوللايدۇ. بىراق گۇگول قاچان رەسىمىي ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.