تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلاردىكى مۈگدەش كېسىلى

   

ئۇيقۇچانلىق كېسىلى قىسمەن بالىلاردا كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇ بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، روھىي، جىسمانىي، پىسخىكا ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق پىسخولوگىيەلىك داۋالاش بۆلۈمىنىڭ ۋىراچى گۈلبەھرەم ئابلادىن ئىگىلىشىچە، ئۇيقۇچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا ئادەتتە كۈندۈزى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلايدىغان، پىنھان مۇھىتنى ۋە جىمجىتلىقنى، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، ئەستە تۇتۇشى ناچار، ئىنكاسى ئاستا، ماغدۇرسىزلىنىدىغان، كۆرگەنلا يېرىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن، كېسىلى ئېغىر بولغانلار ئۆزىنى كەمسىتىپ، جەمئىيەتتىن، كىشىلىك تۇرمۇشتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، ياشاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلات ۋاقتىنى ئىلمىي، سىستېمىلىق، كونكېرت پىلانلاپ، كۈنتەرتىپ تۈزۈپ، ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، كۈندۈزلىرى كۆپرەك ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، تەڭتۇشلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئالاقە ئورنىتىشنى ئۆگىتىشى كېرەك ئىكەن.

مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-12/17/content_481016.htm

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز