تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بوۋاقلارنىڭ يېتىش ھالىتى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

 بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى تېز بولۇپ، يېتىش ھالىتى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەتتا ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا–ئانىلار بوۋاقلارنىڭ يېتىش ھالىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشى، ناچار يېتىش ھالەتلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تۈزىتىپ مېڭىشى كېرەك.

    قانداق يېتىش ھالىتى ئەڭ مۇۋاپىق؟

    دۈم يېتىش بۇنداق يېتىش ھالىتىنىڭ بوۋاقلارنىڭ يۈز شەكلىگە بەلگىلىك دەرىجىدە ياردىمى بولۇپلا قالماستىن، يەنە بوۋاقلارنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ۋە مۇسكۇللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلار دۈم يېتىپ ئۇخلىسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىراق دۈم يېتىپ ئۇخلاش ئاسانلا تۇنجۇقۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بوۋاقلار ئۈچ ئايلىقتىن بۇرۇن باش قىسمىنى ياخشى كونترول قىلالمايدىغان ھەم ئۆرۈلەلمەيدىغان بولغاچقا، بېشىنىڭ ئەتراپىغا ياستۇق، ئورۇن–كۆرپە ۋە لۆڭگە قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەرنى قويماسلىق كېرەك، بولمىسا بۇرنى توسۇلۇپ تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا كۈندۈزى ئاتا – ئانىلىرى قاراپ تۇرغان ئەھۋالدا بوۋاقنى دۈم ياتقۇزۇپ قويسا بولىدۇ، بىراق كېچىدە دۈم ياتقۇزماسلىق كېرەك.

    يېنىچە يېتىش ئېمىۋاتقان بوۋاقلارنى يېنىچە ياتقۇزۇپ ئۇخلاتقاندا ئاشقازىنىدىكى سۈتنىڭ ئىنچىكە ئۈچەيگە ئېقىپ كىرىشى ئاسان بولىدۇ. تاسادىپىي ھالدا قۇسۇپ سالسىمۇ ئاغزىدىكى قۇسۇقلار ئاسانلا چىقىپ كېتىپ گال ۋە نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھەزىم يوللىرى تولۇق يېتىلمىگەن، ئەمگەندىن كېيىن ئاسان ياندۇرىدىغان بوۋاقلار ئوڭ يېنىنى بېسىپ ياتسا سول يېنىنى بېسىپ ياتقاندىنمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، يېنىچە ياتقاندا ئىزچىل بىر تەرەپنىلا بېسىپ يېتىشقا بولمايدۇ، بولمىسا بوۋاقلارنىڭ باش شەكلىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا قەرەللىك ھالدا بالىنى ئۆرۈپ ئىككى يېنىنى ئالماشتۇرۇپ ياتقۇزۇش كېرەك.

    ئوڭدا يېتىش ئەڭ بىخەتەر يېتىش ھالىتى بولۇپ، ئاتا – ئانىلار بوۋىقىنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالى ۋە يۈزىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدۇ، يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقىيالايدۇ. ئوڭدا ياتقاندا بوۋاقلارنىڭ پۇت – قوللىرى ئەركىن بولۇپ، ئۇچرايدىغان چەكلىمىلەر ئاز بولىدۇ، شۇڭا راھەت ۋە ئەركىن – ئازادە بولىدۇ. بىراق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئوڭدا ياتقاندا ئاشقازىنىدىكى يېمەكلىكلەر ئاغزىغا يېنىپ كەتسە ئاسانلىقچە سىرتقا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ئەگەر نەپەس يوللىرى ياكى ئۆپكىگە كىرىپ كەتسە تۇنجۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۈچ ئايلىقتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئۇمۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئەگرىلىكى تېخى شەكىللەنمىگەن بولغاچقا، ئوڭدا ياتقۇزغاندا بېشىغا ياستۇق قويماسلىق ۋە مۈرە قىسمىنى ئازراق كۆتۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق نەپەسنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2015-11/30/content_475850.htm 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز