ھاياتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى
باندالېۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى)
پىنسىيىگە چىققان ئىككى بوۋايغا بىر يۈرۈشتىن يېڭى ئۆي تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
ئىككىسى بۇ يەرگە بىر ۋاقىتتا كۆچۈپ كېلىپ. بىنانىڭ پەلەمپىيىدە تونۇشۇپ قالدى. ئۇلار بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولۇشتى. بۇ ئىككى بوۋاينىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرەنلىرى يوق ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككسى ئاخىرقى ئۆمرىنى بىرلىكتە گۇڭۇر - مۇڭۇر ئۆتكۈزەتتى.
ئۇلار ئۆي جابدۇقلىرىنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن. رۇسلارنىڭ قەدىمىي ئادىتى بويىچە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىمەكچى بولدى. ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى يېمەكلىكلەر دۇكىنىدىن ۋىنو، نارزان يەنە ئازراق يېمەكلىك سېتىۋالدى.
بۇ ئىككى بوۋاي سىر پۇراپ تۇرغان ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ تۇنجى رومكىنى كۆتۈرۈۋەتتى. ئىككىنچى رومكىنى كۆتۈرۈدىغان چاغدا بىر - بىرىگە قاراپ تۇرۇپلا تۇيۇقسىزدىن ئىككىسى تەڭلا يىغلاپ كەتتى.
ئۇلارنىڭ بىرى بۇرۇن سوتچى بولغان، يەنە بىرى شۇ سوتچى سوراق قىلىپ ئۇزۇن مۇددەت جازاغا ھۆكۈم قىلغان ئادەم ئىدى.
بۇ ھېكايە خەنزۇچە «چەت ئەل ھېكايىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1986-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.