تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قەدىرلىكىم ،ئايرىلىپ كەتكەن بولساقمۇ سەن مىنىڭ بەختىمگە قەرىزدار

 

ئاشۇ كۈنى كەچتە ،سەن  قالتىسلىقىڭ بىلەن مىنى مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدىڭ . 
قار ياغققان ئاشۇ كۈنى كەچتىكى  مەيۈس ھالىتىڭ مىنى ئەقلىمدىن ئازدۇرغان ئىدى . 
مەن سىنى ئۇچىرتىپ قالغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ ،سەندىن ئۈزەمنى تارتاي دەپمۇ تارتالمىدىم . 
مەن سىنى ئاكا دەپ چاقىرىشنى ياقتۇراتتىم ،سەن بولساڭ مىنى جىنتەك (孩纸  بۇ گەپنى تەرجىمە قىلىسام مەنسى غەلىتە چىقىپ قالدى شۇڭا ئۈزەمچە مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىۋالدىم ). 
ئاشۇ كۈندىكى ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمىدا بىز ئاق رەڭلىك  ئۇچقۇن چىقىرىدىغان چىرايلىق ساليۇتلارنى تاماششا 
قىلغاچ ،خېلى ئۇزۇن ماڭدۇق . شۇنداق كۆپ پاراڭلاشتۇق ،سەن ماڭا كورىيە فىلىملىرىدىكى ئايال باش پىرسۇناژلارنىڭ ،ئەر پىرسۇناژنى ئاكا دەپ چاقىردىغانلىقىنى دىگىنىڭدە مەن كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم. 
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن سەنمۇ  ،مەنمۇ دەم ئالدۇق ،ئۇششاق يېغىۋاتقان قار بىلەن سىرىت تېخىمۇ رومانتىك تۇيغۇغا كەلتۈرەتتى. 
ئەتتىگەندە تورخانىغا چىقىپ كوت- كوتنى ئاچسام بار ئىكەنسەن ،بىرگە تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدىم . 
سەن مىنى كۈرۈش ئۈچۈن ،تاكسى تۇسۇپسەن،ئۈستى -باشلىرىڭ ھۆل،تېلفۇنۇڭمۇ يۈتۈپ كىتىپتۇ . 
بىز كۈرۈشۈپ يەنە تورخانىغا كىردۇق ،پاراڭلىشىش جەريانىدا سەن ئالدىنقى كۈنى كەچتە يا خشى 
ئۇخلىيالمىغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ . 
سەن بېشىڭىنى پۇتۇمغا قۇيىۋىلىپ گەپ قىلماي يېتىۋالدىڭ ،خېلى ئۇزۇنغىچە نىمە بولغانلىقىنى سورىغاندىن كىيىن مىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ . گەرچە شۇنداق خۇشال بولغان بولساممۇ ساڭا جاۋاپ بەرمىدىم . 
ساڭا بىر نەرسە يىگۈم بارلىقىنى باھانە قىلىپ گەپنى يۆتكىۋەتتىم ،ھەر ئىككىمىز تورتنى ياقتۇرۇپ يەيدىكەنمىز . 
خۇشال كەيپىياتتا بىر نەرسە يىيىشىپ ،ئوينىدۇق

تۇنجى قېتىم قول تۇتۇشقىنىمىزدا سىنىڭ يۈرەك رېتىمىڭنىڭ تىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ،ئۈزەمنى بەك بەختلىك ھىس قىلغان ئىدىم،بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ياشىسام دەپ شىرىن خىيالمۇ  قىلغان ئىدىم ..

كىچىك بالىلار ئويناۋاتقان ياغاچ ئاتقا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ،ئىككى تال بىلەت سېتىۋالدىڭ،كەينىمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ ،بىردەم ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتتىڭ .ياغاچ ئات بەك ئىگىز بولغاچقا 
چىقالمىدىم ،سەن مىنى قۇچاقلاپلا  ئات ئۈستىگە قوندۇردۇڭ ،يىقىملىق مۇزىكا ئىچىدە مەن خۇددى مەلىكە ،
سەن بولساڭ مىنى چىن قەلبىدىن سۈيىدىغان شاھزادەم ...گەرچە نۇرغۇن كىشلەر بىزنى چوڭ بولغىننى بىلمىگەنلەر دەپ مەسخىرە قىلىشقان بولسىمۇ ،مەن يەنىلا پەرۋا قىلمىغان ئىدىم. ئەڭ ياقتۇرۇپ قالغىنىم ھەم ھازىرغىچە ئەسلەيدىغىنىم ھېلىقى ئېلەڭگۈچ ،سەن ئاشۇ يەردەتۇنجى قېتىم مەڭزىمگە سۈيۈۋالغان ئىدىڭ  
سىرىتقا چىققىنىمىزدا ،قار يېغىپ ئەتىراپ تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتكەن ئىدى . 
ئۈزەمنى ئەڭ بەختلىك ھىس قىلغان ۋاقتىم سەن بىلەن بىرگە كىيىم سېتىۋالغان ئاشۇ دەقىقىلەر ئىدى. 
چۈنكى بۇ تۇنجى قېتىم بىر يىگىت بىلەن يەنە كىلىپ ئۆزەم سۆيگەن يىگىت بىلەن نەرسە كىرەك سېتىۋېلىشىم ئىدى .ئاشۇ 16-چىسلا مەن سەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۈتۈشنى قارار قىلغان ئىدىم. 
تۇنجى قېتىم ئۆيۈڭگە بارغان ئاشۇ كۈنى مەن بەكلا جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدىم ،تەلىيىمگە ئائىلەڭدىكىلەر ماڭا ناھايتى قىزغىن مۇئامىلە قىلشقان ئىدى .ھېلىمۇ ئىسىمدە ئاشۇ كۈنى ئەتتىگەنلىك تاماقتا ئىككىمىز بىرلىكتە سەي قورىغان ئىدۇق ،سەن ماڭا  <ئىللىق ئائىلەم باردەك ھىسياتقا كەپ قالدىم > دىگەن ئىدىڭ ،گەرچە سەي  ناھايتى تەمسىز بولسىمۇ ماڭا ناھايتى تەملىك بىلىنگەن ئىدى . 
نەچچە كۈن ئۈتۈپ دوستۇمنىڭ يىگىتى بىلەن پاراڭلىشىۋاتسام سىنىڭ كۈندەشلىكىڭ تۇتۇپ قالدى ،سەن چىكىنىدىغانلىقىڭنى  ئېيتتىڭ .مەن يىغلىدىم ،بەك ئازابلاندىم .كىيىن سەن مىنى ئىزدەپ ئەپۇ سورىغان بولساڭمۇ مەن كۈرۈشكىلى ئۇنىمىدىم ،سەن تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغىنىڭىدا يەنىلا سىنى كەچۈرۋەتتىم ،چۈنكى سىنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۈم يوقتى. بىر ئادەمنى ياخشى كۈرۈش ئاسان ئەمەستە..... 
ئاشۇ كۈندىن كىيىن مەن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا تىرىشتىم ،چۈنكى بىر كۈنلەر كىلىپ سىنى يۇقىتىپ قويسام ،ئۈزەمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نىمىشقا ياخشى مۇئاملە قىلمىغاندىمەن دەپ پۇشايماندا قېلىشىمنى خالىمايتتىم. 
بىر ۋاقىتلاردا سەن ماڭا <بىز  تېخى كىچىك ،ھىسياتىمىز تۇراقسىز بىر كۈنلەردە كىچىكىنە بىر ئىش سەۋەبىدىن ئايرىلىپ كىتىشىمىز مۇمكىن > دىگەن ئىدىڭ . 
ئاخىرىدا نەتىجە خۇددى سەن دىگەندەك چىقتى ،ئەمما سەن ماڭا مەن قايىل بولغۇدەك ،ئايرىلىپ كىتىش سەۋەبىنى دەپ بىرەلمىدىڭ . 
ئۆتكەن ئىش ئۈتۈپ كەتتى . گەرچە بىر - بىرىمىزنى ياخشى كۆرسەكمۇ بەرىبىر بىللە بۇلالمايمىز .گەرچە سەن مىنى ،ئۆتكەن كۈنلەرنى سېغىنساڭمۇ ،مىنى ئۇنتۇيالمىساڭمۇ  ئەمدى تۈگىدى ،ئاياغلاشتى . 
ھېچكىم -ھېچكىمگە قەرىزدار ئەمەس ،ئەگەر قەرىزدار دىيىشكە توغرا كەلسە ،سەن مىنىڭ بەختىمگە قەرىزدار....

مەنبە.......................تەرجىمە ئەسەر

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز