تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەش خىل ئەھۋالدا تۇرمۇش قۇرغان ئەر-ئايال بەختلىك بولالماسلىقى مۇمكىن

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

بىرىنچى، پەقەتلا ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن توي قىلغانلار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زېرىكىشنى تۈگىتىش ئۈچۈنلا تۇرمۇش قۇرىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى، بۇ ئىنتايىن زور خاتالىق. بىر ئەر زېرىكىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توي قىلسا، زېرىكىش ھېس قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما توي قىلىشنى ياشلىق باھارىنى ئىسراپ قىلغانلىق دەپ ھېس قىلىشى مۇمكىن. بىر ئايال توي قىلسا، زېرىكىشتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ سىز بىلەن توي قىلىپ ئۆزىنى ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچى ھېسابلىشى مۇمكىن.


ئىككىنچى، بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ توي قىلغانلار.

 ھازىر قىز-يىگىتلەر بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قېلىشىدۇ. ئادەتتە بۇنداق قىز يىگىتلەرنىڭ ھېسسياتى كۆپىنچە ھاللاردا ئەقىلنى چىرمىۋالغان بولىدۇ. بۇلار دەسلەپتە قارشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك جۈپتى دەپ قارايدۇ-دە، دەرھاللا تۇرمۇش قۇرىدۇ، ئەمما تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن بىردىنلا ئەسلىدىكى بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىش تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، ئەخمەقلىق قىلىپ قويغانلىقىغا قايغۇرىدۇ.

ئۈچىنچىسى، غايىسى زىيادە ئۇلۇغۋار ئەر-ئايال.

غايىلىك ئەر-ئايال غايىسى يوق ئەر-ئايالدىن كۆپ ياخشى. بىراق غايىسى زىيادە ئۇلۇغ ئەر-ئايال ھەمىشە غايىسى يوق ئەر-ئايالغا يەتمەيدۇ. تۇرمۇش ئىشىدا، غايىسى زىيادە ئۇلۇغ كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۆي،ئاپتوموبىل ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن توي قىلىشى كېرەك.

 

تۆتىنچى، ئىقتىسادى شارائىتى بەكلا ناچار قىز-يىگىت.

كونىلاردا «نامراتلارنىڭ بالىلىرى بالدۇر تۇرمۇش قۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. بىراق بۇ سۆز ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن قىز يىگىتنى تەڭلىكتە قويۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەنتىقە جەھەتتىن، تۇرمۇش قۇرماستا پۇلى بولمىسا، تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن بولۇشى كېرەك، ئەمما تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىنكى تۈرلۈك بېسىملار ئەسلىدىنلا ئىقتىسادى شارائىتى ناچار ئەر ئايالنى تۇرمۇش قۇرغانغا پۇشايمان قىلدۇرۋېتىشى مۇمكىن.


بەشىنچى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن تۇرمۇش قۇرغان قىز-يىگىت.

قىسمەن ئاتا-ئانىلار ئابرۇيغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭ بولۇۋاتقىنىغا، ئۆزىنىڭ قېرىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ ھەمىشە باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقىدىن قورقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىلىرىنى بالدۇر توي قىلىشقا زورلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تۇرمۇش قۇرغان بالىلار كۆپىنچە ھاللاردا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز