مۇۋەپپەقىيەت بىر كېچىلا تىرىشىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. كىمكى بۇ مەنىنى ھېس قىلسا بىر كېچىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغانلىقىدىن چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ. ئامېرىكا توقۇلما بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش سودىگەرلىرى جەمىيىتىنىڭ بىر تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق مەزمۇن بار: تۇنجى قېتىملىق تىرىشچانلىق مەغلۇب بولغاندا بىر بۆلۈك مال ساتقۇچىلار تولۇق مەغلۇب بولغان بولىدۇ. قېنى بۇ سان-سىپىرلارغا قارايلى:
%48مال ساتقۇچى بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ ئىشنى تاشلايدۇ؛
%25مال ساتقۇچى ئىككى ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپلا بۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچىدۇ؛ %15مال ساتقۇچى ئۈچ ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپلا بۇ ئىشنى تاشلايدۇ؛
%12مال ساتقۇچى بۇ خىزمەتنى مەڭگۈ قىلىدۇ، سودىنى مۇشۇ %12مال ساتقۇچى پۈتتۈرگەن بولىدۇ.
شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، ھەر قانداق ئادەم قىلغانلىكى ئىشىدا دەرھال مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا كاپالەت بېرەلمەيدۇ، كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلماي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
قارىشىمىزچە،بىر كېچىدىلا بېيىپ كەتكەن ئادەمنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تولىمۇ ئۇزاق مەزگىل بوشاشماي تىرىشقان، ۋاقىت ۋە پۇرسەت پىشىپ شۇ يەرگە كەلگەندە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەملەر مۇنداقلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. شۇڭا، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.