شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
1. ئۈچەي يولى زەمبۇرۇغلىرىنى قوغدايدۇ. ئۈچەي يولىدا بىر قىسىم بەدەنگە پايدىلىق زەمبۇرۇغلار مەۋجۇت، بۇ ئۈچەي يولىنىڭ ساغلام ۋە راۋان بولۇشىغا پايدىلىق. قېتىق تەركىبىدە پايدىلىق زەمبۇرۇغلار بار بولۇپ، ئۇ بەدەنگە زىيانلىق زەمبۇرۇغلاردىن ساقلايدۇ.
2. ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. ئاشقازىنى ناچار ئاياللار ئادەتتە مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق ئىچىپ بېرىشى كېرەك. ئۇ ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
3. راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قېتىق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا سۈت كىسلاتا باكتېرىيىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئۈچەي يولىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى قوغداشتىن سىرت، يەنە بىر قىسىم راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارنى توسۇپ تۇرىدۇ.
4. ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنى ئەسلىدىنلا ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا ئاياللار قېتىق ئىچىپ ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، چۈنكى قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا باكتېرىيىسى بىر قىسىم ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ.