تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قىزىقارلىق مەسەللەر( كۈلىۋىلىڭ)

تۆمۈر خوراز
بىر كۈنى چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان بىر مىليونىر بىلەن ئۇنىڭ خانىمى ئايرۇپىلان بىلەن نيويورۇك شەھرىنىڭ ئاسمىنىنى ئايلانماقچى بۇپتۇ . ئۇچقۇچى ئايرۇپىلان بىلەن يېرىم سائەت ئۇچساھەر- بىر ئادەم ئۈچۈن 10 يۈەن ئالدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
_ ئىككىيلەنگە 10 يۈەن بولسا قانداق؟_ سوراپتۇ تىجىمەل مىليونىر.
_ ياق،_ دەپتۇ ئۇچقۇچى رەت قىلىپ، مىليونىر يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئۇچقۇچى بىلەن سودىلىشىپ كىتىپتۇ.ئۇچقۇچى ئاخىر ماقۇل بۇلۇپ:
_ بۇلىدۇ، ئىككىڭلاردىن 10 يۈەن ئالساممۇ ئالاي، لېكىن بىر شەرتىم بار، ئايرۇپىلان ئۇچقاندا سىلەر ئاۋاز چىقارمايسىلەر، ئەگەر ئاۋاز چىقىرىپلا قويساڭلار ، سىلەر 20 يۈەن تۆلەيسىلەر،_ مىليونىر رازى بولمىغاندەك قىلىپ قۇشۇلۇپتۇ.
ئايرۇپىلان بىردەمدىلا ئاسمانغا كۈتۈرۈلۈپتۇ.ئۇچقۇچى قەستەن ئايرۇپىلاننى مۇللاق ئاتقۇزۇپ ، فىگورا چىقىرىپ ئۇچۇپ ئۇلارنى قورقۇتماقچى بۇپتۇ. ئايرۇپىلان ئاخىر يەرگە قونۇپتۇ،ئۇچقۇچى ئوتتۇرۇۋەتكىنىگە تەن بەرگۈسى كەلمەپتۇ.
_ سىزگە راستىنلا قايىل بولدۇم، سىز قانداق چىدىدىڭىز ھىچ چۈشەنمىدىم.
_ لېكىن بەك تەس كەلدى، خانىمىم ئايرۇپىلان بۆلۈمىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەندە ، مەن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم.
ئايال يازغۇچى بىلەن تەھرىر
بىر خانىم ناھايىتى ئۇزۇن بىر ھىكايە يېزىپ داڭلىق بىر تەھرىرگە ئەۋەتىپتۇ. بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئەسەر قايتۇرۇلۇپتۇ.بۇ خانىم قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، دەرھال ھىلىقى تەھرىرگە خەت يېزىپتۇ.
_ ھۆرمەتلىك ئەپەندىم، تۈنۆگۈن سىز قايتۇرۋەتكەن ھىكايىنى سىز ئوقۇپ باقمايلا رەت قىلىپسىز. مەن سىزنى راست ئوقۇمدۇ_ يوق؟ دەپ سىناپ بىقىش ئۈچۈن ، ھىكايىنى ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى18-،19-بەتلەرنى چاپلاپ قويغانىدىم، تۈنكگۈن ئەسەرنى ئېلىپ قارىسام، ئۇ ئىككى بەت يەنىلا چاپلاقلىق تۇرۇپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كىيىن تەھرىردىن خەت كەپتۇ:
_ سۆيۈملۈك خانىم، ئەتىگەن مەن تۇىۇم يەۋېتىپ بىر بۇزۇق تۇخۇمنى بايقىدىم، ئەجەبا مەن ئۇنىڭ راست بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن پۈتۈنلەي يەپ

يەپ بېقىشىم كېرەكمۇ؟
 

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز