جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنىستىتۇتى 2015-يىلى شىنجاڭدىن نىشانلىق ھالدا ھاۋا بوشلۇقى مۇلازىمەت كەسپى ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكنى قوغداش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى 11-ئاپرېل سائەت 10:00دىن 17:00 (بېيجىڭ ۋاقتى) غىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەرھابا يولى 1341-نومۇر جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئۇچقۇچىلار ئىنىستىتۇتى 2015-يىلى شىنجاڭدىن يۇقىرقى ئىككى كەسىپكە نىشانلىق قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىگە نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى خەنزۇ تىلىدا بېرىدىغان، تەن ساغلاملىقى پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى خادىملىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ئۆلچىمىگە ماس كەلگەن، يېشى 20 دىن تۆۋەن (1995-يىل31- ئاۋغۇستتىن كېيىن تۇغۇلغان) بولغان، ئىجتىمائىي-تەبىئىي پەنلەر بويىچە نۆۋەتتە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ھەم ئالدىنقى قاراردا ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ. تەپسىلاتىنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى(http://www.xjzk.gou.cn) دىن سۈرۈشتۈرسە ياكى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ سۈرۈشتە قىلىش تېلېفونى(3804015-0991) غا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.