تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا كەلدى

 

6-ئاينىڭ 18-كۈنى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ئەتىرىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى يالقۇن ئوسمان ۋە ۋاڭ جۈنفۇ، لەنجۇ «پاسىلسىز مېھىر-مۇھەببەت پائالىيىتى»نىڭ تەشكىللىگۈچىسى دا شىدوڭ، سېرىق ئۇيغۇر ناھىيەسىلىك ئەن جىخۇي قاتارلىقلار گەنسۇنىڭ جاڭيېدا باش قوشۇشقاندىن كېيىن، بىرلىكتە سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ناھىيەسى مىڭخۇا يېزىسى شۈسەنۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىگە قاراپ ئاتلاندى.

پويىز سۇنەن ئىگىزلىكىگە قاراپ قوزغالانغاندا، پويىزدىكى يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ قەلبى بىر خىل ھاياجان ۋە ئىنتىلىشكە تولغان ئىدى. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئالدىنقى يىلى گەنسۇنىڭ شا(قۇم) يېزىسىدىكى ئاممىۋىي پاراۋانلىق، خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەتلىك قەدەملىرىنى ئىچكىرىگە ئۇزارتىشى بولۇپ ھېسابلىناتتى.

 

سېرىق ئۇيغۇرغا شىنجاڭلىق دادا كەلدى!
ئۇيغۇر تىلىدا «دادا» سۆزى كىشىنىڭ ئاتىسى دېگەن مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. سۇنەن سېرىق ئۇيغۇر ئاپتونۇم ناھىيەسى مىڭخۇا يېزىسى شۈ سەنۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شىنجاڭدىن ئىككى داداشنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرگىلى كېلىشى تولىمۇ خۇشاللىنارلىق بىر ئىش ئىدى.

 

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، پىدائىيلار قىيالمىغان ھالدا شىنجاڭغا قايتىپ كەلدۇق.

چىلان تاغلىرى بىلەن خانتەڭرى تۇتاش،
باغرىدۇر ياپيېشىل چېمەنگە ئوخشاش.
شۇ يېراق قۇملۇقتا مىڭخۇا مەكتىپى،
يورۇتار دىللارنى بەئەينى قۇياش.
شۇنداق، يۇقارقى بۇ مىسرالار يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى سېرىق ئۇيغۇر يۇرتىغا قىلغان سەپىرىنىڭ لىرىك ئىزناسى ئىدى.
يېراقتىكى سۇنەن ئىگىزلىكىگە دەسلەپكى قەدەمدە يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ خەير – ساخاۋەت ئارزۇسى تىكىلدى.  ئەمما بىزنىڭ بۇ خەير ساخاۋەت يولىمىز، بۇ يولدىكى قەدەملىرىمىز ھەرگىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي، يەنە داۋاملاشقۇسى!

 مەنبە: ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز