تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
جىگەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، جىگەرنى ئاسراشنىڭ ئومۇمىي ئوزۇقلىنىش پرىنسىپى-ئاقسىل مۇۋاپىق، ياغ ئازراق، ۋىتامىنلار كۆپرەك بولۇشتىن ئىبارەت. ئاقسىل كەم بولسا بولمايدۇ، ئەمما زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. قارا گۆش، بېلىق تۈرىدىكىلەر، سۈت تۈرىدىكىلەر، خاسىڭ، پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 

ياغنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشى جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ، شۇڭا تەركىبىدە ياغ ئاز، خولىستىرىن مىقدارى ئاز يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىش لازىم. تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەر جىگەرگە پايدىلىق:


سۇلۇ. ئۇنىڭدا لېنولىن كىسلاتاسى ۋە ساپونىن ماددىسى مول بولۇپ، قاندىكى خولىسترىن ۋە تىرىگىلدسىننى تۆۋەنلىتىدۇ. 


قوناق. تەركىبىدە كالتسىي، سېلىن بىلەن ۋېتامىنE قاتارلىقلار مول بولۇپ، بۇلار قاندىكى ياغ، خولېستېرىننى ئازايتىدۇ. 


خەيدەي. تەركىبىدە تاۋرىن كىسلاتاسى مول بولۇپ، ئۇ قان ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. 


سامساق. تەركىبىدە سۇلفاتلاشقان بىرىكمە ماددا بولۇپ، قاندىكى خولىسترىننى ئازايتىپ، قان نوكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم يۇقىرى زىچلىققا ئىگە ياغ، ئاقسىل تەركىبىنىڭ كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ. 


كالا سۈتى. ئۇنىڭ تەركىبىدە كالتسىي مول بولۇپ، ئادەم تېنىدىكى خولىستېرىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىدۇ.


غولپىياز. ئۇنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن قاندىكى ياغنى ئازايتىپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 


تاتلىقياڭيۇ. گۆش، تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن پەيدا بولغان ئارتۇقچە كىسلاتانى نېيترالاشتۇرۇپ، ئادەم تېنىدىكى ئىشقار، كىسلاتانى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز