كېچەلمەيمەن
ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر
كېچەلمەيمەن ھېچ نېمەمدىن سېنى دەپ،
تارتقىن ئىشق قىلىچىڭنى بېشىمدىن.
ئۆمۈچۈك تور تارتقان ئاددى ئۆيۈمگە،
كۆيۈپ تۇرغان گۈلخان مەن ئىچ-ئىچىمدىن.
غېرىپلىق تۆت تامدىن تامچىپ تۇرسىمۇ،
چۆكەلمەيسەن سەن ئۇندىكى سىرلارغا.
تەكچىلەرگە كەڭ يېيىلغان نەقىشلەر،
زەپ ئوخشايدۇ ئاتام باسقان ئىزلارغا.
يېقىلسا ئوت ئانام كۆرگەن ئوچاققا،
بەختنىڭ چىن ھۇزۇرىدا قاينايمەن.
شەربەتلەرنى لىق تولدۇرۇپ جاملارغا،
تۆكۈپ كۈيلەر دۇتارىمدىن سايرايمەن.
ئىشىك ياپسام تەنھالىقتا كىچىگە،
نۇر تۆكۈلەر ئاتام ياققان چىراقتىن.
شېرىن چۈشلەر قاينىمىدىن دۇر سۈزۈپ،
يىشىلىمەن جاننى ئەسكەن پىراقتىن.
ئايلانساممۇ تۇپىسىغا بۇ ئۆينىڭ،
ئىشقىم زىنھار يىراقلارغا چېچىلماس.
مەندىكى پاك سۆيگۈلەرنىڭ مەناسى،
سەن يايرىغان شەھەرلەردىن تېپىلماس.