بۈگۈن يېشىمغا يەنە بىر ياش ،ئەقلىمگە ئەقىل قوشۇلغان كۈن. بۈگۈن دوستلىرىمنىڭ سەمىمىي ياخشى تىلەكلىرى ماڭا ھەمراھ بولغان كۈن.بۈگۈن ئانام مېنى تۈغقان كۈن .مېھرىبان ئانا ، مېنى تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك...
20نەچچە يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە سەن مېنى بۇ يورۇق دۇنياغا ئاپرىدە قىلىش ئۈچۈن جېنىڭنى تىكىپ تۇرۇپ ئۆلۈم بىلەن قەيسىرانە ئېلىشقان ئېدىڭ ،مېنىڭ ساق-سالامەت ئاپىرىدە بولۇشۇم ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئېدىڭ...
مانا ،ئاخىرى مېنى بۇ يورۇق ئالەمگە كۆز ئاچقۇزدۇڭ .مېھرىڭ بىلەن پەپىلەپ بېقىپ قاتارغا قوشتۇڭ سېنىڭ جان دىلىڭ بىلەن بارلىق مۇھەببىتىڭنى ماڭا بېرىپ باغۋەن كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلغاندەك مېنى پەرۋىش قىلىپ ،ئاسىراشلىرىڭ ئارقىسىىدا مەنمۇ بەخىتلىك ئۆسۈپ يېتىلدىم...
سېنىڭ ئەجىرىڭ ۋە قان-تەرلىرىڭ بولغاچقىلا مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولغان ، بۈگۈن دوستلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىلىرى، مەن ئۈچۈن ئەۋەتكەن ياخشى تىلەك سۆزلىرى ماڭا ئەمەس ساڭا مەنسۇپ، ...
قەدىرلىك ئانا ،ساڭا چىن يۈرىكىمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن . مېنى بېقىش ئۈچۈن چەككەن ھەربىر جاپالىرىڭ ،مېنى دەپ ئاققۇزغان ھەربىر تامچە شەبنەم تەرلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن ،ئۇشتەك ئاقا
چاچلىرىڭغا، يۈزۈڭدىكى تال-تال قورۇقلارغا قارىغىنىمدا سېنىڭ مەن ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىڭنى كۆرەلەيمەن .
ھازىر بار ئاۋازىم بىلەن مېنىڭ شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ :«ئانا_مېنى تۇغقان كۈنۈڭگە مۇبارەك»
دوستلار تۇغۇلغان كۈنىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس ئاشۇ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ بەختىنى تىلەيلى ! چۈنكى شۇ ئەزىزلەر بولمىسا سىز نەدە ،مەن نەدە!
قەدىرلىكلەر سۇلتانى بولغان ئانىلار بىزنى تۇغقان خاسىيەتلىك كۈنۈڭلارغا مۇبارەك!...
رغان چېكە