تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
5.5دىيۇملۇق iPhone6نىڭ باھاسى 5998بولۇشى مۇمكىن

 

 ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى قىسىمدىكى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما شىركىتى يېڭى بىر ئەۋلاد يانفونى بولغان iPhone 6 نى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن، شۇنداقلا 10 كۈندىن كىيىن مال چىقىرىشنى باشلايدىكەن، دۆلىتىمىز iPhone 6 تۇنجى تۈركۈمدە بازارغا سېلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولىدىكەن.
GforGames دىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىللىق ئادىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ئايفوننىڭ بازارغا كىرىش ۋاقتى جۈمە كۈنى  بولىدىكەن، بىراق، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى پەيشەنبە ئىكەن، بۇلتۇر ئالما شىركىتى iPhone 5s ۋە iPhone 5c قاتارلىق يېڭى يانفونلارنى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ كۈنى دەل جۈمە ئىكەن.
بىراق، نۆۋەتتە تارقالغان بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس، بۇندىن ئىلگىرى تارقالغان بىر پارچە ئۇچۇردا يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان، ئۇندىن باشقا، iPhone 6 نىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، قارىغاندا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىنى ئالما شىركىتىدىن باشقىلار ئېنىق بىلمىسە كىرەك.
بۇندىن باشقا، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ دىيىشىچە، 5.5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان چوڭ نۇسخىدىكى iPhone 6 گە «iPhone Air» دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن، بىراق، ئەگەر ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىسىم قويۇلسا، ئۇنداقتا، ئالما «Air» دىگەن ئىسىمنى بەكىمۇ قالايمىقان ئىشلەتكەن بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى، ئالما ئوتتۇرىغا چىقارغان ئەڭ يىنىك لايىھەلەنگەن خاتىرە كومپىيۇتېرغا MacBook Air دەپ ئىسىم قويۇلغان، بىراق، تاختا كومپىيۇتېر ئىچىدە، ئېكرانى ئەڭ ئايپەدگە بولسا iPad Air دەپ ئىسىم قويغان.
ئەمدى يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ باھاسىغا كەلسەك، بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە، 4.7 دىيۇملۇق iPhone 6 باھاسىنىڭ 5288 يۈەن بولىدىغانلىقى، 5.5 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ باھاسىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىراق، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 5.5 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى iPhone 6 نىڭ باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەلكىم 5998 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن.
ئۇندىن باشقا، ئۇچۇردا يەنە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى قاتارلىق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە iPhone 6 نىڭ ئۆزلىرىنىڭ 4G تورىنى قوللاش ئەھۋالىغا قارىتا سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز