دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئىستېمالچىلارغا چاچنى بوياتماسلىقنى، زۆرۈر بولسا، يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى.
ئادەتتە، چاچنى بوياپ ئۈچ، تۆت كۈندىن كېيىن رەڭگى سەل سۇسلاشسا، بۇ خىل بوياق قىسقا مەزگىللىك بوياق تۈرىگە كىرىدۇ؛ بىر، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن رەڭگى سۇسلاشسا، نىسبەتەن ئۇزۇن مەزگىللىك بوياق تۈرىگە كىرىدۇ. ئىككى ھەپتىدىن كېيىنمۇ رەڭگى سۇسلاشمىسا، ئۇزاق مەزگىللىك بوياق تۈرىگە كىرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان چاچ بويىقىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا باش تېرىسىگە رېئاكسىيە قىلىشى مۇمكىن. ئۇزۇن مەزگىللىك چاچ بويىقىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش كېرەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/07/content_506610.htm