تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ساماۋەر شورپىسى ماس كەلمەيدىغانلار

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

قىش پەسلى ساماۋەر شورپىسى ئىچىشنىڭ ياخشى پەيتى. بىراق تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا تازا ماس كەلمەيدۇ. 

دىئابىت كېسىلى بارلار: دىئابىت ئاغرىقلىرى ساماۋار شورپىسى ئىستېمال قىلغاندا ياغ تەركىبى ئاز بولغان بېلىق، راك، توخۇ گۆشى، ياكى قوي گۆشىنى تاللىغىنى ياخشى. راك تۈگرىسى، بېلىق كومۇلىچى، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلارنىڭ ياغ مىقدارى يۇقىرى، شۇڭا ئاز يېيىشى كېرەك. كۆكتات ئىستېمال قىلغاندا يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى ئاساس قىلىش، بەرەڭگە قاتارلىق يۇقىرى كىراخماللىق كۆكتاتلارنى يېگەندە ئاساسىي تاماقنى ئازايتىش كېرەك. ئاساسىي غىزادىن بۇغداي چۆپى، يېشىل ماش چۆپى قاتارلىق قارا ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تاللاش ئەڭ مۇۋاپىق. 

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بارلار: گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ گۆشنى قوشۇمچە قىلسا بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى دېڭىز جانلىقلىرى بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى يېمەسلىكى كېرەك. كۆپ قىسىم كۆكتات ۋە مېۋىلەر تۆۋەن پورىنلىق يېمەكلىككە كىرىدۇ، بولۇپمۇ مايلىق يېسۋىلەك، سەۋزە، بەرەڭگە، كاۋا قاتارلىقلارنى تاللاپ يېسە بولىدۇ. ساماۋەر شورپىسىدىن زەمبۇرۇغسىمان شورپىنى ئاز تاللاش كېرەك، چۈنكى قارا قېرىنقۇلاق، گۈمبەمەدەك قاتارلىق زەمبۇرۇغلاردا پورىن تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ. 

سېمىز،قېنى قويۇق كىشىلەر: ساماۋەر شورپىسى تاللىغاندا ئەڭ ئاۋۋال تاتلىق شورپىنى تاللاش كېرەك. چۈنكى ئاچچىق شورپىنىڭ ماي تەركىبى كۆپ. كۆكتات سېمىز ھەمدە قېنى قويۇق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ. گۆش تۈرىدىن سېمىز كالا گۆشى بىلەن قوي گۆشنى تاللىماستىن،توخۇ گۆشى، دېڭىز جانلىقلىرىنى تاللىسا مۇۋاپىق. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈنجۈت يېغىنى ئاز ئىشلىتىش، پۇراقلىق تېتىتقۇ بىلەن ئاچچىقسۇنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشمۇ ئىسسىقلىق مىقدارىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيدۇ. 

يۇقىرى قان بېسىمى بارلار: يۇقىرى قان بېسىمى بارلار ساماۋەر شورپىسى ئىچكەندە تۇزنىڭ مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. شورپىنى تاللىغاندا مايسىز شورپىلارنى ئالدىن ئويلىشىش، بېلىق كومۇلىچى، كالا گۆشى كومۇلىچى قاتارلىق ئىش قوشقان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تاللىماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇلارنى ياسىغاندا تۇز قوشۇۋېتىلگەن بولىدۇ. ئۇنى شورپىغا سېلىپ پىشۇرغاندا تۇز مىقدارى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ساماۋەر شورپىسى ئىچكەندە مۇزلىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش كېرەك، چۈنكى ئىسسىق بىلەن سوغۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان-ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ. 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز