-ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم .
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام-ئىشتىن قايتاي دەپ تۇرشۇمغا ئايالىمدىن كەلگەن تېلىفوننى كۆرۈپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى.يەنە نېمىسى تۈگىگەندۇ بۇ خوتۇننىڭ دەپ غودۇرىغىنىمچە تېلىفوننى ئالدىم.
-بالىنىڭ سۈتى تۈگەپتىكەن دادىسى،گۆش سەي-كۆكتاتلارمۇ ئاز قاپتۇ،بۈگۈن تاللا بازىرىنى يوقلىغاچ كىرسىڭىز بوپتىكەن-ئايالىم ئويلىغىنىمدەكلا بۇيرۇتمىلارنى تىزىملىتىشقا باشلىدى-تىزىملىۋالامسىز دادىسى ،ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە.
-ماقۇل تىزىملىۋالاي،تىزىملىمامدىغان-ئايالىمغا تەنە ئارىلاش سۆزلىگەچ ئۈستىلىمنىڭ تارتمىسىدىن قەلەم بېلەن قەغەزنى قولۇمغا ئالدىم.
-بالىمىزغا داۋاملىق بېرىۋاتقان سۈت پاراشۇكىدىن بىر قۇتا،گۆشنى قانچىلىك ئېلىشنى ئۆزىڭىز بىلىڭ،يېسىۋېلەكتىن 2تال،پەمىدۇر بېلەن قىزىلمۇچنى ئارىلاشتۇرۇپ بىر كېلو ئېلىڭ كۆپ ئالسىڭىز سېسىپ قالىدىكەن.بەرەڭگىدىن بىر كېلۇ،پالەكتىن ئىككى باغ كەرەپشىدىن ئىككى باغ،زەنجىۋىلدىن 500 گىرام،ھازىرچە مۇشۇلارنى يېزىۋېلىپ تۇرۇڭ،يەنە كەم قالغان نەرسىلەر بولسا سىز تاللا بازىرىغان بارغۇچە ئويلۇنۇپ ،ئاندىن تېلىفون قىلاي.
ئايالىمنىڭ يەنە كەم قالغان دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئاچچىقىم كېلىشكە باشلىدى.
-نېمە ئىچىمنى سىقىپ مەدىكىرىڭنى ئىشقا سالغاندەك ماڭا بىر نەرسە بۇيرۇۋېرسە،ئاپارغان بىرنەرسە تېخى توشىمىغان،ئۆزۈڭ چىقىپ ئەكىرسەڭ بولمامدۇ،سېنىڭمۇ قولۇڭدا تۇرىدۇ ،شۇ نەرسىلەر،ئەجەپمۇ زېرىكتۇردۇڭغۇ.
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز دادىسى مەن قانداق قىلدىم،،،،،،،قانداق قىلسام رازى بولىسىز ،مەنمۇ سىز ئۈچۈن مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن،باللىرىمىز ئۈچۈن دەۋاتىمەنغۇ،تىرىشىۋاتىمەنغۇ؟مەن يا خەقنىڭ خوتۇنلىرىدەك ماڭا كېيىم ئەپ بەر ،چاي ئوينايمەن دەپ جىدەل قىلمىسام،ئۆي ئۈچۈن ،ئائىلىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتسام ،مېنى نېمىشقا ئەيىبلەيسىز مېنىڭ زادى نېمە گۇناھىم بار-ئايالىم ئۇۋالچىلىققا ئۇچىرىغاندەك يىغلاپ تۇرۇپ تېلفوننى قويۇۋەتتى .مەنمۇ ئۆزۈمنىڭكىنى راس قىلىغۇم كېلىپ ،ساڭا يالۋۇرامدىم دېگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ تېلفون قىلمىدىم.
ئىشتىن چۈشۈپ تاللا بازىرىغا قاراپ ماڭغاچ ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.چۈنكى دېمىسىمۇ ئايالىمنىڭ ئېيىتقانلىرى توغرا ئېدى.بىز توي قىلغىلى 5 يول بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ،ئۇ مۇشۇ چاغقا كەلگۈچە ،ھېيىت -بايرامدىن باشقا ۋاقىتلاردا ،بىرەر قېتىممۇ كېيىم-كېچەكنىڭ جىدىلىنى قىلىپ باقمىغان ئېدى، دوسلىرىمدىن ئاياللىرىنىڭ قىممەت باھالىق،ماركىلىق كېيىم -كېچەك زىبۇ زىننەتلەرنى ئالدۇرۇش ئۈچۈن تالاي جىدەللەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،ئايالىمنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولساممۇ،ئۇ بىرەر قېتىممۇ مەن بىلەن ،كېيىم-كېچەكنىڭ،زىبۇزىننەتنىڭ ،قاتار-چايلارنىڭ جىدىلىنى قىلىپ ئۇرۇشۇپ باقمىغان ئېدى،كېيىم -كېچەكلەرنىمۇ باھاسى مۇۋاپىقراقلىرىنى تاللاپ ماسلاشتۇرۇپ ئاددا-ساددىلا كېيىنىپ يۈرەتتى.
تۇرۇپلا باياتىن قىلغانلىرىمدىن ھەم ئويلىغانلىرىمدىن نومۇس قىلىپ قالدىم.ئۇ يا ماڭا ئۇشۇق ،تۆشۈك نەرسىلەرنى بۇيرىمىسا ،ئۆي ئۈچۈن كېتەرلىك ماتىرىياللارنى تەييار قىلىپ بېرىش ،بىر ئەركەكنىڭ بۇرىچى تۇرسا،مەن تېخى ئۆزۈم سوراپ تۇرۇپ ئەكىرىپ بەرمەكتە يوق،ئايالىمغا بىرمۇنچە ئاچچىغلاپتىمەن،ۋاي ئېسىت ،نېمىشقىمۇ ئۇنىڭغا ئاچچىغلىغاندىمەن،ئۇ شۇ تاپتا نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟-،شۇلارنى ئويلاپ يانفونۇمنى قولۇمغا ئېلىپ ئايالىمغا تېلىفون قىلىپ باقماقچى بولدۇم.بىراق بىر ئاغىنەمنىڭ ئاداش ئايال كىشىگە شۇنداق ۋاي دەپ كەچۈرۈم سوراپ قويىدىغان بولساڭ ،بولدى شۇ كۈندىن باشلاپ شىللەڭگە مېنىپ،ئۆزۈمنىڭلا راس دەيدىغان بولىۋالىدۇ ،دېگەن بايانلىرى ئېسىمگە كېلىپ،يەنە توختاپ قالدىم.
-ۋاي ئاداش نەگە ماڭدىڭ،باكەنسە ھە- تولۇق ئوتتۇرىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ئالىمنىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمدا پەيدا بولۇپ قوللىرىمغا ئېسىلىپ كۆرۈشۈشىدىن چۆچۈپ خېيالدىن ئويغاندىم.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا تويىدا كۆرۈشكەنچە ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ باقمىغان ئېدۇق.
-با دەيمە،ئاداش،ئۆزۈڭچۇ ،قانداراق ئەھۋالىڭ ياخشىدۇ،ئايالىڭ بىلەن چىقىشىپ قالغانسە،يوقلاپ بارىمەن دەپ ،بېرىپ بولالمىدىم،سەنمۇ خوتۇننى ئېلىۋېلىپلا بىزدەك ئاغىنلىرىڭنىمۇ تاشلىۋەتتىڭ ئاداش-مەنمۇ كۆرۈشەلمىگەنلىكىمىزنىڭ باھانىسىنى ئۇنىڭغا ئىتتىرىشكە ئۇرۇندۇم.
-ئاداش ،يۈرە بىرەر جاينى تېپىپ،ئولتۇرۇپ تازا بىر مۇڭدىشايلى ،ئىشىم بار دېگىنىڭگە ئۇنىمايمەن بۈگۈن-ئالىم قولۇمدىن تارتىپ بىر تەرەپكە باشلاپ ماڭدى.-ياق دەيدېسەم ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشمىگەن ئاغىنەم،ماقۇل دەي دېسەم ئايالىم ئۆيدە يىغلاپ ئولتۇرغان، قانداق قىلسام بولار؟
-بولدىلا نېمە بولسا بولمامدۇ،قاچانغىچە ئۆينى دەپ مۇشۇنداق جاپا چېكىپ ياشايمەن،ھېلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ بىرە ئاغىنەم بىلەن بىرئاشخانىغا كىرىپ تاماقمۇ يەپ باقمىغىلى ،ئۆي تۇتىمەن دەپ .يا خوتۇننى رازى قىلالمىغان يا ئۆزۈمنى،كاللامغا تۇيۇقسىزلا كەلگەن خېيال بېلەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم.
-چاتاق يوق ئاداش ،لېكىن بىلىسەنغۇ،،مەن ئىچمەيمەن،،،شۇڭا بىرە تاماقخانىغا كىرىپ ،بىردەم مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرايلى.
-ئۇقىمەن ئاداش سەن بىلەن ئۈچ يىل ئوقۇپ شۇنى بىلمىسەم سەت تۇرا.
ئىككىمىز ئۇنى بۇنى دېيىشىپ يۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر چاي تائاملىرى ئاشخانىسىغا كىرىپ خالىي ئورۇندىن بىرنى تېپىپ ئولتۇردۇق.
-ئاداش ئىشلىرىڭ ياخشى كېتىپ بارامدۇ،ئايالىڭ بېلەن ياخشىدۇ،دېدى ئالىم ماڭا چاي قويۇپ بەرگەچ .
-رەھمەت ئاداش،ئاللاھقا شۈكىرى ،بۇ مۇئاش دېگەن نەرسە ئۆلمەسنىڭ دورىسىكەن،يا باي بولمايدىكەنمىز ،يا ئاچ قالمايدىكەنمىز مۇشۇنداق ئۆتىدىغان گەپكەن شۇ بىر چاپىنىمىز ئىككى بولماي،سەنچۇ نېمە ئىش قىلىپ كەتتىڭ ئاداش،يەڭگىمىز بىلەن چىقىشىپ قالغانسەن-دېدىم مەن ئۇ قۇيۇپ بەرگەن چاينى قولۇمغا ئېلىپ.
-ھە يامان ئەمەس ئاداش،بەزىدە ئۇرۇش جىدەل قىلىپ قويىمىز ،يەنە بىردەمدە ئەپلىشىۋالىمىز.دېگەندەك،سىلەرچۇ يەڭگەم سەن بېلەن ئۇرۇشمايدىغاندۇ؟
-ياق ئاداش تۇرسۇنئاينىڭ ئوشۇق تۆشۈك گېپى يوق،مۇشۇ ۋاققا كەلگۈچە بىرەر قېتىم قاتتىقراق تەگىشىپ باقمىدۇققۇ.
-ۋەي،ياخشىمۇسىز،،ياخشى .ياخشى ،ئۆزلەر ياخشىدۇ،،بىزمۇ سېغىندۇققۇ ؟كەلمەمدۇق ئەمىسە ماياققا،،،،،ئالتۇن قەسىردىغۇ،،،ھە ماقۇل ئەمىسە چاققانراق كېلىڭە جېنىم،بىر ئاغىنەم بار،ئەمىسە ساقلاپ قالدۇق.-ئالىمغا كەلگەن تېلىفون بېلەن تەڭ پارىڭىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ ئورامىدىن بىرسىنى يېنىمىزغا چاقىرىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى.
-ئاداش يەڭگىمىز ئوخشىمامدۇ؟
-ياق دەيمە ئاداش يەڭگەڭ ئۆيدە ئولتۇرماي بۇ يەردە نېمە بار ئۇنىڭغا -دېدى ئالىم چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ.ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلدىم.
-ئاداش بۇ قىلغىنىڭ پەقەت بولمىدى،تېخىچە بۇرۇنقى خۇيۇڭدىن قالمىغان ئوخشايسەن ،قارىغاندا يەڭگەمنىڭ قىلغان جىدەللىىرىمۇ ئورۇنسىز بولمىسا كېرەك،ئۇنداق قىلما ئاداش يامان بولىدۇ،ئاياللارنىڭ ئۇۋالىغا قالىسەن.
ئالىم بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغدىمۇ ،ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەيدىغان ئۈجمە كۆڭۈل يېگىت بولۇپ،مەكتەپتە ئۇ يىغلاتقان قىزلار ئاز ئەمەس ئېدى.
-ئاداش،تولا قېرى ئادەمدەك،پەندى نەسىھەت قىلمىغىنە ،خوتۇنۇڭنىڭ قاش قاپىقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ زېرىكىپمۇ قالغانسەن ساڭىمۇ بىرەررسىنى تونۇشتۇرۇپ قويايمۇيا،
-بولدى ئاداش،مەن كېتەي،ئۇ خېنىم كەلسە ئىككىڭلار ئولتۇرۇپ،بىللە قايتاسىلەر،سەل ئىچىم قايناۋاتىدۇ مېنڭ ،ئۇ كەلسە ئىككى ئېغىز قايناپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن چىرايلىق كېتىۋالاي.-مەن شۇنداق دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىم.چۈنكى مۇشۇنداق بىر ئوبدان ئايالى تۇرۇپ تالاغا قارايدىغان ئادەملەرگە قارىساملا ۋېجدانىم قايناپ ئۆزۈمنى زادىلا تۇتىۋالالمايتتىم.
-ئاداش نەگە بارىسەن ئالدىراپ ،ئولتۇرە، ئاتايىن سېنى دەپ كەلدىم مەن ما يەرگە ،تېخى تاماقمۇ چىقماي تۇرۇپ كەتسەڭ سەت تۇرامىكىن،خاتىرجەم بول ،ساڭا بىرسىنى زولاپ تاڭمايمەن،ئۇ قىز يالغۇز كېلىدۇ،سەن تاڭسىڭدەك ئولتۇرۇپ بەرسەڭلا بولىدۇ ،ئازىراق يۈزۈمنى قىلىپ قويغىن .
ئالىمنىڭ قولۇمغا ئېسىلىشى بىلەن يەنە جايىمدا ئولتۇرۇپ قالدىم.
ئەمدىلا ئورنۇمنى تېپىپ ئولتۇرۇشۇمغا ئالىمنىڭ تېلفونى يەنە سايرىدى.
-ئاداش ئۇ كەپتۇ،مەن چىقىپ باشلاپ كېرەي-ئالىم شۇنداق دەپ قويۇپ سىرىتقا چىقىپ كېتىپ ھايال بولمايلا ئۈچ قىزنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.
ئۇلارنىڭ بىرى ئورۇق ،قالغان ئىككىسى يىگەن ئىچكەندەك سېمىز قىزلاردىن بولۇپ،بىزنىڭ ئاياللىرىمىزدىن يېشى كۆپ پەرىقلەنمەيتتى.
-ئاداش بۇ نېمە قىلىق،يالغۇز كېلىدۇ دېگەنتىڭغۇ-قىزلارغا قاراپلا ئەرۋاھىم ئۇچۇپ ،ئالىمغا غەزەپ بېلەن ھۆرپەيدىم.
-خاتىرجەم بولسا غوجام بىز سېلىنى پۇشۇرۇپ يىمەيمىز تاماق يېگىلى كەلدۇق بۇ يەرگە ،ئالىمنىڭ خەۋىرى يوق،دوسلىرىم بىلەن بازار چۆگۈلەۋاتقان، ئۇلارنى قويۇپ كەلسەم بولامتى ئەمىسە.-ئورۇق قىز ئالىمنىڭ بىر نېمە دېيىشىنى كۈتمەستىنلا ماڭا جاۋابنى بېرىپ بولدى.
-ئولتۇرە ئاداش ،قىزلارنىڭ ئالدىدا ئازىراق يۈزۈمنى قىل،سەت تۇرىدۇ-ئالىم يېنىمغا كېلىپ قۇلقىمغا پىچىرلاپ مېنى يەنە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.
-ۋاييەي ، تازا ئايالىدىن قورقىدىغان سايىماخۇن ئوخشىمامدۇ بۇ ئاغىنىڭىز-سېمىزراق بىر قىز گەپكە قوشۇق سالدى.
-بىزدىن بەك قورقۇپ كەتتىمۇيە،ئىككى يىگىتكە ئۈچ قىز، بوزەك قىلىۋەتمىسۇن دەپ-يەنە بىر قىزنىڭ گېپى بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قاقاھلاپ كۈلىشىپ كەتتى.ئاغزىمنى ئېچىپ بىرنەرسە دەي دېدىميۇ،ئاغىنەمنىڭ يۈزىنى ئاياپ يەنە ھېچنەرسە دېمەي ئاغزىمنى يۇمۇپ ئولتۇردۇم.
بىر ئازدىن كېيىن كۈتكۈچى بۇيرۇتقان تاماقلىرىمىزنى ئېلىپ چىقتى.
-ئاران مۇشۇنى بۇيرۇتتىڭىزمۇ جېنىم،بىز قانچە ئادەم قاراپ بېقىڭە،دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى تۆكەي دېدىڭىزمۇ يە-ئالىمنىڭ يېنىدىكى قىز ئۇنىڭغا ئېرىگە قېيدىغانغدەك قېيىداپ ئەكىلەشكە باشلىدى.
-جېنىم نېمە يېگىڭىز بولسا ئۆزىڭىز بۇيرۇتسىڭز بولدىغۇ؟بۇنداق دېيىشىڭىزنىڭ نېمە ھاجىتى بار،ئېلىڭە مانا تاماق تىزىملىكى-ئالىم شۇنداق دېگىنىچە ،تاماق تىزىملىكىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
-قوۋۇرغا كاۋابتىن بىرنى،خان ئېشىدىن ئۈچنى،مەنپەر سومىيەندىن ئۈچنى كاۋاپتىن 20 زىخ ............
ئولتۇرۇپ قىزنىڭ بۇيرۇتقان تاماقلىرىنى ھېسابلاپ ئاللىقاچان 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
-تاڭسىڭدەك ئولتۇرۇۋەرمەي،گەپ قىلغاچ ئولتۇرمامسىز،بىز ئادەم يېمەيمىز،تونۇشۇپ قالساق يامان كەتمەيدۇ-يېنىمدا ئولتۇرغان سېمىز قىزنىڭ بىرسى شۇنداق دەپ مەن تەرەپكە ئازىراق سۈرۈلدى.بۇنىڭسىزمۇ بېئارام بولۇپ،ئاران ئولتۇرىۋاتقاندا بۇ قىزنىڭ قىلغانلىرى ،ئەمدى چىدىغۇچىلىكىمنى قويمىدى.
-نېرىراق ئولتۇرۇڭ ئايالى بار ئادەممەن،ئايالى ئائىلىسى بار ئادەملەرگە مۇشۇنداق قىلىشتىن نومۇس قىلمامسىلەر.-مەن چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم،ئاندىن تۇرسۇنغا قاراپ-ئاداش مەن ماڭاي،بۇر سورۇن ماڭا ماس كەلمەيدىكەن.سىرىتقا چىققان بولساڭ ساڭا ئازىراق گېپىم بار- دېدىمدە ،سىرىتقا قاراپ ماڭدىم.
-ئوھوي ما ئالىيجانابلىقنى كۆرۈڭ.
-ۋاي چىدىمايۋاتقان گەپ ،ما تاماقنىڭ پۇلنى تۆلەپ قالارمەنمىكىن دەپ.
-شۇ ئەمەسمۇ ،ئازىراقمۇ ھەۋەس يوقكەن بۇنىڭدا ،نەرى ئەركىشى بۇنىڭ.
قىزلارنىڭ قىلغان گەپلىرى قۇلقۇمغا پەقەت كىرىپ چىقمىدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن نېمە دەپ چۈشىنىشى بىلەن كارىم يوق،بۇنداق قىزلارغا يەنە ئېغىز ئۇپىرىتىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق دەپ بىلەتتىم .
-ئاداش سەنمۇ بەلكىم ئاشۇ قىزلاردەك ئويلاۋاتقانسەن،توغرا مەن بۇ يەردە ئىسىراپ بولىۋاتقان يېمەك -ئىچمەككە ،خەجلىنىۋاتقان پۇلغا چىدىمىدىم،يالغۇز بۇلا ،ئەمەس ،سېنىڭ ھەم مېنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئاياللىرىمىزنىڭ بىزگە باغلىغان چىن ئەقىدىسىنىڭ بۇلغۇنىۋاتقىنىغا چىدىمىدىم.يوقىلىۋاتقان ۋېجدانىمىزغا ،ئۇنتۇپ قالغان بۇرۇچلىرىمىزغا چىدىمىدىم.
6-7 يۈز يۈەن بىلەن بىزنىڭكىدەك ئائىلىدىن بىرنى بىر ئاي قامدىغىلى بولىدۇ،ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاداش،مۇشۇ قىزلارنىڭ ئورنىدا ئايالىڭنى 50 يۈەن خەجلەپ سىرىتتا بىرقېتىم مېھمان قىلىپ قويساڭ ،ئۇ سېنىڭ شۇ قىلغان ئىشىڭنى بىر يىلغىچە ئېسىدىن چىقىرىپ قويمايدۇ.ھەقاچان سەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،ئاياللىرىمىز بىزدىن ئادەتتىكى بىر نەرسىلەرنى تەلەپ قىلسىمۇ ،ئورۇنداشنى ئېغىر ئېلىپ ،بىرمۇنچە خاپا بولايمىز،بىراق سىرىتتا مۇشۇنداق قىزلارغا يۈزلەپ پۇللارنى خەجلىسەك ،شۇ ئاياللىرىمىزغا قانداق يۈز كېلەلەيمىز،ياراتقانغا نېمەدەپ ھېساب بېرەلەيمىز،مۇشۇنداق سىرىتتىكى ئېگىز -پەس ئاياللاردىن ،بىزدىن باشقا ئەركەكنى كۆزى كۆرمەيدىغان ،ئۆيمىزدىكى ساداقەتمەن ئاياللىرىمىز مىڭ ھەسسە پاكىز ھەم گۈزەل ئەمەسمۇ،مۇشۇنداق قىزلارغا ئاجىراتقان ۋاقىتنى ،خەجلىگەن پۇلنى ئايالىمىزغا ،ئائىلىمىزگە ئاتايدىغان بولساق ئۇلار بىزدىن قانچىلىك مىننەتدار بولۇپ كېتەر،ئاداش سەن ئۈچۈن كېرەك بولسا جېنىمنىمۇ ئايمايمەن،لېكىن بۈگۈن بۇ سورۇندا ،مۇشۇ قىزلار ئۈچۈن بىر موچەن خەجلەشنىمۇ كۆڭلۈم كۆتەرمەيدۇ،ساڭا بىر قېتىملىق مېھماندارچىلىققا قەرىز بولدۇم،بۈگۈن مەن كېتىۋەردىم قالغان ئىشلارنى ئۆزۈڭ ياخشىراق ئويلۇنۇپ بىر تەرەپ قىلغىن،ساڭا يەنە دەيدىغىنىم،مەسئۇلىيەت بىلەن ياشىغىن ،جۆرەڭگە ،ئائىلەڭگە سادىق بولغىن،كەلگۈسىدە بالىلىىرىڭنىڭ يۈزىگە كېلەلىگۈدەك ، ئۇلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك بىر دادا بولغىن. مېنى كەچۈرگىن ،مەن كەتتىم ئاللاھقا ئامانەت-مەن ئالىمنى باشلاپ ئاشخانىنىڭ ئالدىغا چىققاندىن كېيىن ،ئۇنى بىر تەرەپكە تارتىپ شۇ گەپلەرنى قىلدىم.
ئالىم ئاغزىمغا قاراپ تۇرۇپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى،مەن گەپ سۆز قىلماستىن مېڭىپ كەتتىم،شۇ تاپتا مېنىڭ خېيالىمدا ئايالىمدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئېدى،چوڭ يولغا چىققاندىن كېيىن يانفونۇمنى قولۇمغا ئالدىم.
-ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم،دادىسى،-تېلىفوندا يەنىلا ئايالىمنىڭ شۇ تاتلىق ئاۋازى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام،مېنى كەچۈر خوتۇن،،،،مېنى كەچۈر،ساڭا ئازار بېرىپ قويدۇم.
-ھېچقىسى يوق،مەن سىزنى ئاللىقاچان كەچۈرىۋەتكەن،سىزمۇ مېنى كەچۈرۈڭ-ئايالىمنىڭ ئاۋازىدىن خۇشال بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.
-يەنە چالا قالغان نەرسە بارمىكەن.
-بار .
-نېمە ؟
-سىز چالا قاپسىز چاققانراق ئۆيگە كېلىڭ ،بالام ئىككىمىز سىزنى بەكلا سېغىندۇق.
-ماقۇل ھازىرلا بارىمەن،-قەلبىمدە ھاياجان ئەكىس ئېتىپ ،ئۆزۈمنى شۇقەدەر يەڭگىل ھېس قىلدىم ،تاللا بازىرىغا كىرىپ ئايالىم بۇيرىغان نەرسىلەرنى ئالدىمدە ئۆيگە قاراپ مېڭىپ كەتتىم.ئىچىمدە ئايالىمغا بولغان مىننەتدارلىق،رازىمەنلىك،بىلەن ئۇنىڭغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك بىرخىل تۇيغۇ،كۆز ئالدىمدا ،ماڭا كۈلۈمسىراپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرىۋاتقان ئايالىم.
-مېنى كەچۈر ئايالىم-ئىچىمدە يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭدىن غايىۋانە كەچۈرۈم سورىۋەتكەندىن كېيىن ،ئۆيگە قايتىشقا ئالدىراۋاتقان تۇيغۇلۇرۇمغا بويسۇنۇپ ،قەدەملىرىمنى تېخىمۇ تىزلەتتىم.
ئاپتور :تاھىرجان يۈسۈپ(ئوغۇز)،
ئەسكەرتىش:ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ،مەنبەنى ئەسكەرتمەي باشقا مۇنبەرلەرگە،ياكى سالونلارغا كۆچۈرمەسلىكىڭىزنى ئەسكەرتىمەن.