تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بەش تارماق مائارىپتىكى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزىدى

 

  كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، جايلار «بىر پەنگە بىر يېتەكچى بولۇش» يېڭى مېخانىزمىنى يولغا قويۇشى كېرەك

  □ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەق ئېلىپ دەرس تولۇقلىسا، يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز قىلىنىدۇ

  □ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرى جەمئىيەتكە «نۆل نۇقتىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» توغرىسىدا ئاشكارا ۋەدە بېرىشى لازىم

  □

  "مەكتەپ ئىچىدە مەكتەپ بولۇش" قاتارلىق قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە «2013-يىللىق مائارىپ ھەققىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مائارىپتىن قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مائارىپتىن قالايمىقان ھەق ئېلىشنى تۈزىدى. «پىكىردە» مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا كىرىش نىسبىتى، ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىنى رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەقسىملەپ بېرىش نىسبىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش لازىم. ئۆرلەپ ئوقۇشقا دەستىكى قىلىۋېلىنغان پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىش قىلمىشى، ئارتۇقچىلىق بار ئوقۇغۇچى نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر نامىدا قالايمىقان ھەق ئېلىشنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت، ئالاقىدار تارماق ۋە مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق نامدا ئۆرلەپ ئوقۇشقا دەستەك قىلىنىدىغان پۇل ئىئانە قىلىپ مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش لازىم. ئۆرلەپ ئوقۇش دەستىكى قىلىنىدىغان «ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسى» قاتارلىق تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزەش لازىم.

 مەنبە: ئۇزار تورى

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز