28-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1–تۈركۈمدىكى 15 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاياغلاشتى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 23–ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى مائارىپ تورى ، شىنجاڭ مائارىپ تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە چىقىپ قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ . 2–تۈركۈمدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 28–ئىيۇل باشلاندى .
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە 1–تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان 15 تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ خەنزۇ ۋە مىللىي تىل سىستېمىسى بويىچە 9072 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئۆتكەن يىلىدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان ، بۇنىڭ ئىچىدە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلگەن ، تەۋسىيە قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى سانى 2610 بولغان .
بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا يەنىلا ‹‹ئالتىدە ئاشكارا بولۇش ›› ، يەنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتى ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپى ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى، قوبۇل قىلىش نەتىجىسى ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئاشكارا بولۇشنى يولغا قويدى .