تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
مائارىپشۇناسلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بەرگەن 30 تۈرلۈك تەكلىپى

1.ھەر قانداق ۋاقىتتا بالىڭىزغا نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇڭ؛

2. بالىڭىزنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىڭ، بالىڭىز ئائىلىدە ئۆزىنى خۇشال ھېس قىلسۇن؛

3. بالىڭىزنى دائىم رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇڭ، بالىڭىز ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان ۋاقىتتا «ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك»قىلماڭ؛

4.بالىڭىزدىن بىرەر ئىشنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلسىڭىز،ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز ئۈلگە بولۇڭ؛ 5.ئەر-خوتۇن ئىككىڭلار بالا ئالدىدا جىدەل ماجرا قىلىشتىن ساقلىنىڭلار؛

6. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا بوۋا، مومىلىرىنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ؛

7. بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇڭ؛

8.باشقىلار ئالدىدا بالىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ؛

9. باشقىلار بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەندە سەل قارىماڭ؛

10. بالىڭىزنىڭ «نېمە ئۈچۈن» دەپ سورىغان سوئاللىرغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ، بىلگەننى بىلىمەن دەڭ، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دەڭ؛

11.بالىڭىزنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇڭ؛

12. ھەر كۈنى بالىڭىزغا ئىختىيارى پائالىيەت قىلىدىغان سورۇن ۋە ۋاقىت ھازىرلاپ بېرىڭ.

13. بالىڭىزنى ھەركۈنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ھەرىكەت قىلغۇزۇڭ؛

14.بالىڭىزنى ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، مەغلۇپ بولسىمۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق. 

15.بالىڭىز بىلەن ھەرخىل مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماش تۇرۇڭ، بۇنداق قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشىغا پايدىلىق؛

16.بالىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتىدىغان گېپى بار چاغدا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ؛

17.بالىڭىزنى تەنقىدلىگەن چاغدا ئۇنىڭ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشىگە ۋە سۆزىڭىزگە رەددىيە بېرىشىگە يول قويۇڭ؛

18. بالىڭىزغا «سەن بەك دۆت، ھېچقانداق ئىشنى قىلالمايسەن» دېگەندەك سۆزلەرنى ھەرگىز قىلماڭ؛

19. بالىڭىزنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تاللاش ۋە ھۆكۈم قىلىش پۇرسىتى بېرىڭ؛

20.بالىڭىزغا قىلغان ۋەدىڭىزنى چوقۇم ئورۇنلاڭ؛

21. بالىڭىزنىڭ دوستلىرى ئۆيگە كەلسە ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىڭ؛

22. بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، پىسخىك تەلىپىنى چۈشىنىڭ؛

23. ئائىلىدە بالىڭىزغا ئۆزىگە خاس بولغان ئايرىم ئۆي ھازىرلاپ بېرىڭ؛

24.بالىڭىزغا ئېلىپ بېرىدىغان ئويۇنچۇقلار بەك كۆپ ھەم بەك قىممەت بولۇپ كەتمىسۇن؛

25. ھە دېگەندىلا بالىڭىزنى قورقىتىدىغان ئىشلارنى ۋە سۆزلەرنى قىلماڭ؛

26. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇڭ؛

27.ئائىلىدىكى چوڭ ئىشلاردا ئانچە-مۇنچە بالىڭىزنىڭ پىكرىنى ئېلىپ قويۇڭ؛

28. بالىڭىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالسا كونا خاماننى سورۇپ يۈرمەڭ؛

29. بالىڭىزنى بەك ئۆز مەيلىگە قويۋەتمەڭ؛

30.بالىڭىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە نىسبەتەن كۆرمىگەن، بىلمىگەن بولىۋالماڭ.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز