تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (18) -زەھەر ساتىدىغان راھىب

تاللانغان رازۋېدكا ھېكايىلىرى (18)


زەھەر ساتىدىغان راھىب


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئالتۇن ئۈچبۇرجەك ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر زەھەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان جايلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، زەھەرنىڭ تۈرلىرىمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلاندى، زەھەر ياسايدىغان جايلار ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك ۋە دۇنيادىكى باشقا زەھەر ئىشلەپ چىقىرىدىغان جايلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ھەممە يەرگە تارالدى. بۇ ئەھۋال زەربە بېرىش نىشانىنى كۆپەيتۋەتكەچكە، بەزىدە ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالدى.

غايەت زور پايدىنى دەپ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئاشۇ ئەبلەخلەر ھەرخىل يوللار بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا زەھەر يۆتكىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ يۆتكەش ۋاسىتىلىرىمۇ كۆپ خىل بولدى. 

بۇنىڭدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاموژنىلىرى يۆتكەش گۇرۇھلىرىنىڭ ئاساسلىق ئۆتىدىغان يولى بولغاچقا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. شۇنداق بولسىمۇ جىنايەتچىلەر يەنىلا نىيىتىدىن يانماي خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماقتا. 

بىر كۈنى ياپونىيىنىڭ مەلۇم تاموژنىسىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ئىچىدە بىرى راھىبمۇ بولۇپ، تەكشۈرۈش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەندە ئۇ قولىدىكى جەسەت كۈلى قۇتىسىنى دەرھال يەردە قويۇپ، تاموژنا خادىملىرىغا پاسپورتنى كۆرسەتتى. 

«مەن بىلەن مېڭىڭ!» دېدى تاموژنا خادىمى ئۇنى زەھەر ئېلىپ ماڭدى دەپ گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئېلىپ كەتتى.

«سىلەر نىمىگە ئاساسەن مېنى زەھەر ئېلىپ ماڭدى دەپ گۇمانللىنىسىلەر؟» راھىب كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. 

تاموژنا خادىمى نېمە ئۈچۈن راھىبنى زەھەر يۆتكىدى دەپ گۇمان قىلىدۇ؟ 



رازۋېدكا ھېكايىلىرى (17) نىڭ جاۋابى: پۇلنى تاكسى شوپۇرى ئېلىپ كەتكەن، ئايال بولسا ئۇنىڭ شىرىكى بولۇپ، ئۇلار "يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھىيلىسىنى" ئىشلەتكەن. بۇلار ساقچىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى پۇلنى ئېلىپ كەتكەن بىلەن نەرسە كېرەك ساقلايدىغان جايغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ كېتىدىغانغا يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىپ ئالغان. 

ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز