ئالما شىركىتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى iOS 8.4 سىستېمىسىنى رەسىمى ئېلان قېلىپ، ئالما مەھسۇلاتلىرىغا سىستېما يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىشنى باشلىغان. ئەمما ئىشلەتكۈچىلەر تېزلا بۇ سىستېمىسىنىڭ توك قاچىلىغاندا تېلېفون قىزىپ كېتىش، GPS ئورۇن بەلگىلەش خاتا بولۇش، توك تېز تۈگەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كەمتۈكلۈكىنى بايقىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىسمەن ئالما تېلېفونلىرىدا بۇ سىستېمىنى WiFi تورىدا يېڭىلىغاندىن كېيىن خاتالىق كۆرۈلۈپ ، تېلېفون قىزىل ياكى كۆك ئېكران بولۇش، سىگنال چىقماسلىق، كامېرا نورمال ئىشلىمەسلىك، قوزغالماسلىق قاتارلىق كاشىلىلار كۆرۈلگەن.
ئالما شىركىتى بۇ ئەھۋالنى خاككېرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.