ئالما6 نىڭ سېتىلىش باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەيدۇ
21-ئەسىر پەن-تېخنىكىسىنىڭ 15-ئاپرېل خەۋىرى: ئالما iPhone 6 نىڭ ئېكرانىنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ 4.7 ديۇم ۋە 5.5 ديۇمغا چىقىدىغانلىقى تارقالغان بولۇپ، بۇ كېيىن بىر ئەۋلاد ئالما يانفونى باھاسىنىڭ ئازراق ئۆرلەش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Jefferies نىڭ تەھلىلچىسى پېتېر مىسېك بايانات ئېلان قىلىپ، ئالما شىركىتىنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون iPhone 6 نىڭ باھاسىنى 100 ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، كۆچمە تىجارەت شىركەتلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مىسېكنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى iPhone 6 نىڭ ئىقتىسادىي ياردەمدىن كېيىنكى سېتىلىش باھاسىنىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرىدىن باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان. iPhone 6 نىڭ ئىقتىسادىي ياردەمدىن كېيىنكى باھاسى گەرچە 100 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلىمىسىمۇ، ئاز بولغاندىمۇ بىر قىسىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن.
چۈنكى، ئالما يانفونىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى پەقەتلا 50 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلىسىمۇ، iPhone 6 نىڭ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئېلىپ كەلگەن ئومۇمىي زىياننى يوققا چىقارغىلى بولىدىكەن.
بىراق ھازىرغىچە،كۆچمە تىجارەت شىركەتلىرى ئالما شىركىتىنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلمىغان.
مىسېكنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل جەلىب قىلىش كۈچىگە ئىگە يېڭى يانفونلار كەمچىل بولغانلىقتىن، سامسۇڭ Galaxy S5 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆچمە تىجارەت شىركەتلىرى ئەڭ ئاخىرىدا ئالما شىركىتى بىلەن پىكىردە بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مىسېكنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئالما شىركىتىگە زور نەپ ئېلىپ كېلىدىكەن. ئەگەر ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 50 ئامېرىكا دوللىرى ئاشسا، ئالما شىركىتى تىجارەت كىرىمىنىڭ %2 ئېشىشىنى، ھەر بىر پاينىڭ پايدىسىنىڭ %11 ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.
ئەگەر 100 ئامېرىكا دوللىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، تىجارەت كىرىمىنىڭ %6، ھەر پاينىڭ پايدىسىنىڭ %24 ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.
تەرجىمىدە: ئاينۇر