تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە ئاز بولسا ...

    ئامېرىكىدىكى بالىلار مائارىپى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: ‹‹ بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى شۇنچە زور توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. بالىلارنىڭ ئالدىغا دۆۋىلەنگەن زىيادە كۆپ ۋە يېشىغا ماس كەلمەيدىغان ئويۇنچۇق ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا ناھايتى چوڭ زىيان سالىدۇ، چۈنكى ئۇلار شۇنچە كۆپ ئويۇنچۇقنى كۆرگەندە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ھەتتا ئەمەلىيەتكە چۆكۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ –دە، بىر خىل ئويۇنچۇقنى ئويناش، ئويناش داۋامىدا زېھنى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئويۇنچۇق ئويناشتىن بەلگىلىك بىر نەرسە ئۆگىنىۋېلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ››.

    ئەنگىلىيەدىكى كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفىسسورى كايسى شېرۋا ئىشلىگەن تەجرىبە ۋە تەتقىقات جەريانى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلەيدۇ. ئۇ ئۆتكەن نەچچە يىلدا 3000 دىن كۆپرەك بوۋاقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى نىسبەتەن ئاز بالىلارنىڭ ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە بولىدىغان، ئاتا–ئانىسى ئوقۇپ بەرگەن كىتاب ۋە ئېيتىپ بەرگەن ناخشىنى ئاڭلايدىغان، ئاتا–ئانىسى بىلەن بىللە ئوينايدىغان ۋاقىتنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئاخىرىدا سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى، ئوينايدىغان ئويۇنچۇقى تاغدەك دۆۋىلەنگەن بالىلارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى.

 


ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز