بالىلار يېمەكلىكلىرىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقى، ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقى، ھورمون، يېمەكلىك خۇرۇجلىرى ۋە ئېغىر مېتال قاتارلىقلار بالىلارنىڭ ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەر توپىنىڭ مىكرو ئېكولوگىيەسىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرۇپ، بالىلاردا ئىچى سۈرۈش، زىيادە سېزىم، جىنسىيەت جەھەتتە بالدۇر يېتىلىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يېمەكلىك خۇرۇجلىرىنىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشى بالىلار يېمەكلىكىدىكى خىمىيەلىك بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. نۆۋەتتە بازاردا سېتىلىۋاتقان ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك ۋە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بالىلاردا ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، بەدەن زەئىپلىشىش، بەدەن ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. كوچا بويلىرىدىكى يايمىلاردا سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكلەر بىلەن مەكتەپ ئەتراپىدا سېتىلىۋاتقان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمى تۆۋەن. ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، قوناق ئېتىلدۇرمىسى قاتارلىقلار بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا فار فۇر ساپال بۇيۇملار، رەڭلەنگەن ۋە ئېماللانغان ساپال بۇيۇملار، خىرۇستال قاچا – قۇچىلار، قوغۇشۇن تەركىبلىك سىر پۈركۈلگەن ياكى ماي بوياقتىن ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى، ساختا ماي بوياق قاتارلىقلارمۇ بالىلارنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈشى، ئېتىلدۇرۇلغان گۈرۈچ، قوناق پوسۇلداقلىرى، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسى، بەرەڭگى ياپراقچىسى، ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى، تەييار چۆپ، ئىچىملىك قاتارلىقلارنى يېيىش – ئىچىشتىن ساقلىنىشى، سەي – كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى پاكىز يۇيۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ يېيىشى، پىشىشنى تېزلىتىدىغان ھورمونلار ئىشلىتىلگەن مېۋە – چىۋىلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك.