ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
ئادەمنىڭ چېچى چۈشۈش ئېرسىيەت، بەدەن ساپاسى ۋە روھىي ھالەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك، بولۇپمۇ مۇنداق ئۈچ خىل يېمەكلىك چاچ چۈشۈشكە سەۋەب بولىدۇ، ھەتتا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
تاتلىق يېمەكلىك. تاتلىق يېمەكلىكتە چاچنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغان كىسلاتالىق ماددا بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەنت پارچىلانغاندا ھاسىل بولغان يۇقىرى ئىسسىقلىق تەر ۋە ياغ بېزىگە بېسىم پەيدا قىلىپ، تېرە ئاستىغا ياغ يىغىلىش، تۈك خالتىسىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ-دە چاچ چۈشۈپ كېتىدۇ.
ياغلىق يېمەكلىك. ياغلىق گۆشتىكى مول ھايۋان يىغى ماددا ئالمىشىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، تېرە ئاستىدا ياغ يىغىلىشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈك خالتىسىنىڭ فۇنكسىيىسى تەسىرگە ئۇچراپ، چاچ چۈشىدۇ.
ئاچچىق يېمەكلىك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر تەرنى كۆپەيتىۋەتكەچكە، تەر چاچنىڭ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ.