تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
پۇت ئاغرىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ

غەيرەت قېيۇم

تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى پۇت ئاغرىقىنىڭ دەردىنى تارتىدىكەن، بۇنداقلار تۆۋەندىكى بەش خىل پۇت ئاغرىقىغا سەل قارايدىكەن.

پۇت بارمىقى ئۈگىلىرى ئىششىپ ئاغرىش بۇنىڭدا پۇت بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ، ئىششىپ ئاغرىيدۇ، ماڭغاندا تېخىمۇ ئاغرىش ھېس قىلىدۇ. بۇ ئاياللاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئاياغ كىچىكرەك بولۇپ، پۇتنى قىستاپ قويسا، پۇت بارمىقى ئۈگىلىرى ئىگىلىپ تومپىيىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا، كەڭرەك ئاياغنى يۇمشاق پىتەك سېلىپ كىيسىڭىز، پۇت بارماقلىرىغا بولغان بېسىم يېنىكلەپ، ئاغرىق پەسىيىدۇ، پۇتىڭىزغا مۇز تاڭسىڭىز ئىششىق يانىدۇ.

پۇت سانجىپ ئاغرىش، مۇجۇپ ئاغرىش، قىزىش تاپاندىن پۇت بارمىقىغىچە، بولۇپمۇ 3 – ، 4 – بارماققىچە يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە، تاپىنىڭىز تەكشى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئايىغىڭىزنىڭ پاشنىسى بەك ئېگىز ئىكەنلىكىنى ياكى ئايىغىڭىزنىڭ پۇتۇڭىزنى قىستاپ قويغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى. بۇنداق چاغدا پۇت شەكلىنى تۈزەش ئەسۋابىنى ئىشلىتىڭ، ئالاھىدە پىتەك تىكتۈرۈپ سېلىڭ، بۇنداق قىلسىڭىز ئاغرىق پەسىيىدۇ.

پۇت ئۆكچىسى ئاغرىش بۇنداق ئەھۋال تاڭ سەھەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ئۆكچىنىڭ ئۈستى تەرىپى ئىششىپ قالىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. بۇ ئىششىق ۋە ئۆكچە پېيى سوزۇلۇپ كەتكەنلىكنىڭ ئاقىۋىتى. بۇنداق چاغدا مۇۋاپىق دەم ئېلىڭ، كېرىلىپ ھەرىكەت قىلىڭ، پىتەك ياكى ئۆكچە پىتىكى سېلىپ، ئۆكچە پېيىنىڭ تېخىمۇ سوزۇلۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىڭ.

ئوشۇق ۋە تاپان سىلكىنىپ ئاغرىش بۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە تاڭ سەھەردە كۆرۈلىدۇ. لېكىن ئاغرىمايدۇ، بۇ كۆپىنچە ھەرىكەت بەك كۆپ، كۆتۈرگەن نەرسىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن پەي سوزۇلۇپ يارىلانغانلىق ۋە ئىششىغانلىقتىن بولىدۇ. بۇنىڭدا كۆپرەك دەم ئالسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، پۇتقا بېسىمى بەك ئېغىر ھەرىكەتلەرنى قىلماڭ، سېمىزلەر مۇۋاپىق ئورۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. پۇتى ناتەكشى بولغانلار كېچىدە ئالاھىدە ئىشلەنگەن تېڭىق تاختىسىنى ئىشلىتىپ، پۇت ئەگمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە پەيگە بولغان بېسىمنى يېنىكلىتىشكە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

تاپان سانجىپ ئاغرىش ۋە ئۇيۇشۇش زىيادە ھەرىكەت ياكى يېشى چوڭايغانلىقتىن، تاپان ئۇيۇشۇپ ئاغرىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا ئالاھىدە پىتەك سۆڭەكنى ئاسرايدۇ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، ئىششىق ياندۇرۇش ئۇكۇلى ئىششىقنى تېز ھەم ئۈنۈملۈك ياندۇرىدۇ.

ـــ ماتېرىيالدىن

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى.

http://uy.ts.cn/life/content/2016-03/21/content_511664.htm



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز