تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
8 خىل ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىشكە بولمايدۇ

8 خىل ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى يېيىشكە بولمايدۇ

  ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەييار دورا بولۇپ، ئادەتتە ھەر قانداق دورىخانىلارنىڭ ھەممىسىدە سېتىلىدۇ. ئەمما ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى ۋە مەنئىي قىلىنغان ئىشلارغا ئاسان ھۆكۈم قىلالمايدۇ. شۇڭا، كۆپچىلىككە ئەسكەرتىدىغىنىمىز، تۆۋەندىكى 8 خىل ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.

1. ئېغىر كېسەل بولغانلار:

ھورمۇن خاراكتېرلىك دورىلار جىگەردە ئالمىشىپ، بۆرەكتىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتكەندە بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا جىگەر ياللۇغى ياكى بۆرەك ياللۇغى بولغۇچىلار بۇ خىل دورىلارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

2. قان كېسەللىكى ۋە ئىچكى ئاجىراتما كېسەللىكى بىمارلىرى:

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى قاننىڭ قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، قان شېكىرى يۇقىرىلاپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ھەر خىل قان كېسەللىكى، ئىچكى ئاجىراتما كېسەللىكى مەسىلەن دىئابېت كېسىلى، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق كېسەللىك بىمارلىرى بىردەك بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

3. گىنېكولوگىيىلىك ئۆسمە بىمارلىرى:

گىنېكولوگىيىلىك ئۆسمە، ئەمچەك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ھورمۇنغا تايىنىدىغان كېسەللەردۇر. بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بولغان دورىلارنى يېگەندە ئۇلارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا قەتئىي يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

4. نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار:

تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان نېرۋا كېسەللىك بىمارلىرىدا بەلكىم دورىنى خاتا ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىپ كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى يېيىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

5. ھەيز مىقدارى ئاز بولغۇچىلار:

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى ھەيز مىقدارىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

6. 45 ياشتىن چوڭلار:

بۇ مەزگىلدە ھورمۇن مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئادەتتە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

 7. 35 ياشتىن چوڭ بولغان تاماكا چەككۈچى ئاياللار:

تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ.

8. بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار:

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى سۈت ئاجىرىلىپ چىقىشنى چەكلەيدۇ-دە، بالىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز