تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
قانداق قىلغاندا جىگەرنى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئاسرىغىلى بولىدۇ؟

 1. كۆپ سۇ ئىچىش.

    سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندە ئادەم بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇقلار تولۇقلىنىپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېتابولىزىم ئېلىپ بېرىش ھەمدە بەز تېنىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش بەزلىرى، ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق رولى بار. ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈلۈش ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ھەيدەپ چىقىرىلىشىغا پايدىسى بولۇپ، ئالماشتۇرۇلغان ماددىلارنىڭ ۋە توكسىننىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازلىتىدۇ.

    2. غىزالىنىش تەڭپۇڭ بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك.

    غىزالىنىشتا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش كېرەك، يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ، ۋىتامىن، مېنىرال ماددا قاتارلىقلار بەلگىلىك نىسبەتتە تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا بەش خىل تەم تەڭپۇڭ بولۇشى، ئامال بار ئاچچىق قورۇمىلارنى ئاز يېيىش لازىم. غىزالىنىش مۇۋاپىق، ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭمۇ تەڭپۇڭ بولۇشىنىڭ جىگەرنى ئاسراشقا زور پايدىسى بار.

    3. كەيپىياتى ئوچۇق-يورۇق بولۇش.

    جىگەرنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن، ئاۋۋال ئاچچىقنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىش، قانچىلىك ئاچچىقلانسىمۇ ئۈچ مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.كۈچىنىڭ يېتىشىچە، ئېغىر بېسىقلىق،ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق-يورۇق، خاتىرجەم كەيپىياتنى يېتىلدۈرگەندە، چۇس مىجەزنىڭ تەڭشىلىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئەگەر بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغاندا، جىگەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئوچۇق-يورۇق كەيپىيات ھالىتى جىگەرنى ئاسرايدۇ.

    4. مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش.

    چېنىقىشنى كۈچەيتىش، ئىممۇنېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. جۇڭگو تىبابىتى مۇتەخەسسىسىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھەرىكەت قىلىش جىگەرنى ماي قاپلاشتىن ساقلاپ، بەدەندىكى ئارتۇق ياغنى ھەيدەش رولى بار ئىكەن.جىگەرنى ياغ قاپلاش كېسىلى بىمارلىرى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇشى، مۇۋاپىق ھالدا ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش، ۋېلىسپىت ھەيدەش قاتارلىق ئوكسېگىنلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بېرىشنىڭمۇ ئادەم تېنىدىكى ئىسسىقلىقنى خورىتىش، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/19/content_499710.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز