تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (5)- ئايال پادىشاھنىڭ ئۆلۈمى


تاللانغان رازۋېتكا ھېكايىلىرى (5)

ئايال پادىشاھنىڭ ئۆلۈمى

كېلىۋ.چاترا قەدىمكى دەۋردىكى مەشھۇر ئايال پادىشاھ بولۇپ، رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن كىچىك بىر ئۆيگە سولىنىپ غەلبىنى تەبرىكلەش پاراتى مەزگىلدە رىمغا ئېلىپ بېرىپ سازايى قىلماقچى بولغان. رىم پادىشاھى ئۇنىڭ قەيسەر ئايال ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، سازايى قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرگەن.

سازايى قىلىنىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى، بىر دېھقان ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن بىر سېۋەت مېۋە ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ كەلگەن. نازارەت قىلىدىغان چېرىك سېۋەتنى تەكشۈرۈپ ئەنجۈردىن باشقا نەرسە يوقلۇقىنى كۆرۈپش ئۇنى ئايال پادىشاھقا ئەكىرىپ بەرگەن.

ئەتىسى ئەتىگەندە ئايال پادىشاھنىڭ ئۆلگەنلىكى بايقالغان.

ئۇنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆكسىنى زەھەرلىك يىلان چاققان ئىز بايقالغان بولۇپش يىلان زەھىرى بىلەن ئۆلگەن ئىدى. لېكىن ئۆي ئىچىدىن زەھەرلىك يىلان تېپىلمىغان. ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان يېرى شۇكى، ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۇرغان بۇ ئايال زەھەرلىك يىلاننى نەدىن تاپقان؟ 


ئەسلى مەنبەسى: نۇر تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز