تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
ئېرىم ،قاچان چوڭ بولىسەن ؟

ھەر كۈنىلا زىياپەت دەپ كەچ كېلىسەن ،
ھاراق ئىچىپ بەدبۇي پۇراپ مەس كېلىسەن .
مايماق دەسسەپ مېڭىشلىرىڭ تەس كېلىسەن ،
ھېچ بىلمىدىم ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


تاشلىمىدىڭ تاماكىنى چەكتىڭ يەنە ،
باللىرىڭمۇ ئۆگىنىپتۇ قارا ئەنە .
ئۆتمىدى ھېچ ياخشى گەپ ۋە تاپا تەنە ،
ھېچ بىلمىدىم ،ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


ياخشىمىكەن تالادىكى سېرىق قۇچقاچ ،
كۈندە ھەرخىل ئادەملەرگە سايراپ تۇرغاچ .
سەت كۆردۈڭمۇ ئۆيدىكى گۈل بىرلا بولغاچ ،
ھېچ بىلمىدىم ، ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


كېلەلمەيسەن كېچە سائەت بىردىن بۇرۇن ،
تۈگىمەمدۇ شۇ چاغقىچە قانداق سورۇن .
شۇ كېچىدە سىنى كۈتكەن قايسى ئورۇن ؟
ھېچ بىلمىدىم ، ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


بۈگۈن يەنە چىقىپ كەتتىڭ كۆڭۈل ئىزدەپ ،
تېلفۇنۇڭغا ئۇچۇر كەلگەچ چىقمامسەن دەپ .
قالدىم يەنە ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزەم بەزلەپ ،
ھېچ بىلمىدىم ، ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


دەپ قويمايسەن ئۆيدە تاماق يىمەيمەن دەپ ،
شۇنچە قىممەت سەن ئۈچۈن شۇ بىر ئېغىز گەپ .
كۈتتۈم يەنە تەن تۈڭگىچە ئېغىر ئەسنەپ ،
ھېچ بىلمىدىم ئېرىم  قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


ئۇمۇ ئادەم غېمىڭنى يەپ ساقلاپ  تۇرغان ،
بالاڭ ئاۋۇ ، چوپ -چوڭلا بىر يىگىت بولغان .
قاراپ باقە ، كۆزىگە لىق سۇئال  تولغان ،
ھېچ بىلمىدىم ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


تاتلىمايمەن ئۆتۈپ كەتكەن دىل يارىنى ،
سوراپ باققىن سەنمۇ ئۆينىڭ يوق بارىنى .
باللىرىڭمۇ پەرىق ئەتتى ئاق قارىنى ،
ھېچ بىلمىدىم ، ئېرىم قاچان  چوڭ بولىسەن ؟
 


قىرىققىمۇ يېتىپ قالدى مانا  يېشىڭ ،
سورۇندىلا بوپ قالمىسۇن سىنىڭ ئىشىڭ .
ئۆتىۋەرمە ھاراقنىلا دەپ سىردىشىڭ ،
ھېچ بىلمىدىم ئېرىم قاچان چوڭ بولىسەن ؟
 


ئەجدادىمىز  روھى سەندىن خۇشال بولسۇن ،
ئەۋلادلارنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنچ تولسۇن .
ئېرسىيەتلىك كېسەل سەندىن قېپ قالمىسۇن ،
ئىشەنچىم بار ، بىر كۈن ھامان  چوڭ  بولىسەن .

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز