تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
بىر جۈمىلىلىك كۈلدۈرگىلەر

بىر جۈملىلىك كۈلدۈرگىلەر

بىرەيلەن تۇنجى قېتىم بازارغا چوكا مۇز ساتماقچى بولۇپ چىقىپ، توۋلاپ سېتىشنى خىجىللىق ھېس قىلىپ تۇرغىنىدا يېنىدىكى سېتىقچى ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ«چوكا مۇز ساتىمەن» دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ، ئۇ شۇ ھامان «مەنمۇ شۇنداق» دەپ قوشۇپ قويۇپتۇ.

% % % % %
 

ئانىسى قىزىنىڭ ئوغۇل دوستىدىن «قىزىمغا كۈندە كىنو كۆرسىتىشتىن باشقىنى بىلمەمسىز؟» دەپ سوراپتۇ.
 

يىگىت ھەيران بولغان ھالدا؛ «سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز باشقا نېمىتى؟»دەپتۇ.
 

% % % % %

بىر جۈپ قۇشقاچ ئوۋچىنىڭ ئۇلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزمەكچى بولۇپ تۇرغانلىقنى كۆرۈپ، بىرسى يەنە بىرسىگە؛ «سەن نەق مەيداننى قوغدا، مەن ساقچى چاقىرىپ كېلەي» دەپتۇ.
 

% % % % %

ئىككى مەست ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەۋېتىپ، بىرسى يەنە بىرسىگە؛ «ئېھتىيات قىل، ئالدىمىزدا جىددىي ئانلانما يول بار» دەپتۇ.

«نېمە، ماشىنىنى مەن ھەيداۋاتامدىم» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يەنە بىرى.
 

% % % % %
 

بىر دېھقان ئۆزىنىڭ چىرايى سەترەك قىزىنى «قارانچۇق» ئورنىدا تۇرغۇزۇپ، قاغىلارنى قاچۇرۇش مەقسىتىدە، قوناقلىققا ئەۋەتىپتۇ، نەتىجىدە قاغىنى قاچۇرۇش مەقسىتىگە يېتىپلا قالماي، ئوغرىلاپ كېتىلگەن قوناقلىرىغىمۇ ئېرىشپتۇ.
 

% % % % %

 

تۇغۇت بۆلىمىنىڭ بىر دوختۇرى ئۆز ئالدىغا ئامبۇلاتورىيە ئاچقان كۈنى ئاخشىمى ئايالى ئۇنىڭدىن؛
 

«بۈگۈن تىجارەت قانداقراق» دەپ سوراپتۇ، «خۇداغا شۈكرى يامان ئەمەس، ئانا-بالىنى قۇتقۇزالمىساقمۇ، دادىسى ساق تۇرۇپ بەردى» دەپتۇ دوختۇر.

% % % % %

تىلى كەمتۈك بىرەيلەن ئاتسېنت بولغاندا، مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ باشقىلارنىڭ قەغىزىگە ئوغرىلىقچە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاچىققلانغان ھالدا؛ «سەن، سەن، سەن كۆچۈرۈشكە جۈرئەت قىلدىڭمۇ، ئورنىڭدىن تۇر» دېيىشىگە بەش نەپەر ئوقۇغۇچى بىراقلا ئورنىدىن تۇرۇشۇپتۇ.

% % % % %

تۈنۈگۈن ئورۇقلىتىش چېنىقىشىغا تىزىملاتتىم. ئۇلارنىڭ تەلىپىچە بولغاندا مەشىق ۋاقتىدا كەڭرەك كىيىملەرنى كىيىش شەرت ئىكەن. نېمە دېگەن قاملاشمىغانلىق، كەڭرەك كىيىملەرنى تاپالىغان بولسام، ئورۇقلايمەن دەپ ئاۋارە بولاتتىممۇ».

ئەسلى مەنبەسى: ئۇزار تورى
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز