تەرمىلەر باش بېتى ئەدەبىيات گۈلزارى تۇرمۇش ساۋاتلىرى قىزىقارلق پاراڭلار مەشھۇر شەخىسلەر ساغلاملىق بىلملىرى خانىم - قىزلار مائارىپ ئۇچۇرى يانفۇن ھەققىدە مۇھەببەت ئۈنچىللىرى ئۇزار يېڭلىقلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز بالىلار ساغلاملىقى قانۇن بىلملىرى شركەت-كارخانلار
تەۋسىيەلىك مەزمۇنلار
ئەڭ يېڭى يوللانغان مەزمۇنلار
يېڭى مەزمۇنلار
يىگىتلەردىن سوئال: قىزلارنى چۈشىنەمسىز؟

قىزلارنىڭ كۆڭلى زىيادە نازۇك كېلىدۇ.

    شۇڭا قىزلار بىلەن ئارىلاشقاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. مەقسەتسىز سادىر قىلغان بىرەر ئىشىڭىز ياكى دەپ سالغان بىرەر گېپىڭىزمۇ، قىزلارنىڭ بىر مۇنچە ھەسرەت ياشلىرىنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئەكسىچە دەل جايىدا ئېيتىلغان بىر ئېغىز سۆز ئۇلارغا باھار ئاپتىپىدەك ئىللىقلىق يەتكۈزۈشىمۇ مۇمكىن. پەقەت چىن يۈرەكتىن چىققان مېھىر-مۇھەببەتلا قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ.

    قىزلارنىڭ ئىنتىلدىغىنى يىگىتلەردىكى جەسۇرلۇق، قەتئىيلىك، سېخىيلىق.

    پىسخىلوگلار قىزلارنىڭ كۆڭلىدە يىگىتلەرنى باشقۇرۇشقا بولغان تەقەززالىق ئەمەس، بەلكى باشقۇرۇلۇشقا بولغان ئىنتىزارلىقنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇڭا سىز مىس - مىس، سۆرەلمە بولماي، ۋۇجۇدىڭىزدا ئەركەكلەرگە خاس جەسۇرلۇقنى يېتىلدۈرۈپ خاسلىقىڭىزنى ۋە مۇستەقىل كۆز قارىشىڭىزنى ساقلاپ قېلىڭ؛ ھەرگىزمۇ «يۇمىلاق تاۋۇز» بولۇپ قالماڭ، بۇ قىزلار ئەڭ يىرگىنىدىغان ناچار قىلىق. ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بار، زىيادە سېخىي بولماڭ، لېكىن بەك بېخىللىقمۇ قىلماڭ.

    قىزلار يۇمۇرىستىك خاراكتېرگە ئىگە يىگىتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.

     قىزلار مۇھەببەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى خۇشاللىق، خاتىرجەملىك. پەقەت يۇمۇرىستىك خاراكتېرىگە ئىگە يىگىتلەرلا بۇ خىل ئېھتىياجنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. شۇڭا ئۈمىدۋارلىق بىلەن ھاياتنى تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، غەم قايغۇنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىۋالماڭ؛ جاپا مۇشەققەت ئالدىدا قەيسەرلىك بىلەن باتۇرلارچە ياشاڭ.

    قىزلار گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ. گۈزەللىك تاشقى گۈزەللىك ۋە قەلىب گۈزەللىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەلب گۈزەللىكى بىر ئادەمنىڭ ئىدىيىسى ۋە دۇنيا قارشى، غايىسى، مىجەز-خاراكتېرى، ئەخلاق پەزىلىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    سىز بۇ ئىككى خىل گۈزەللىككە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك. دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. لېكىن سىز ئۆزىڭىزنى ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىڭ. ناچار قىلىق-ئادەتلىرىڭىزنى تاشلاپ زامانغا لايىق مەدىنيەتلىك يىگىت بولۇڭ. ئەي جەسۇر يىگىت، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇھەببەت سىرلىق ھەم غايىۋى بولىدۇ. ئۇ سىزدىن مەسئۇليەتچانلىقنى، ئەستايىدىللىقنى ۋە سەۋىرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/life/content/2016-02/29/content_503282.htm 



ئەسلى مەنبەسى: uy.ts.cn
تەۋسىيە: تور بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسىنى بىۋاستە بېسىپ كىرىشكە ئادەتلىنىڭ! http://www.uzar.cn
  • بۇ مەزمۇنلارنىمۇ چۇقۇم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. تور بىكىتمىزدە نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارالغان ھەرقانداق مەزمۇن بىرەدەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    كۈندىلىك يېڭى ئۇچۇرلار،ساغلاملىق بىلملىرى،مەشھۇر شەخسلەر ،قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز